ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىران ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ 4-باسقۇچلۇق تەدبىرىنى ئىجرا قىلىشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-07 15:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىران ھۆكۈمەت تاراتقۇسى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران زۇڭتۇڭى روھانى شۇ كۈنى سۆز قىلىپ، ئىراننىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ 4-باسقۇچلۇق تەدبىرىنى ئىجرا قىلىشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان.

روھانى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئىران ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىدىن ئۆز ئالدىغا چېكىنىپ چىققانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇش تەدبىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە 11-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ ئىراننىڭ فوردو يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ سېنترىفۇگىغا گاز قاچىلاشقا باشلايدۇ. روھانى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىراننىڭ ئىران يادرو كېلىشىمى ماددىلىرىنى ئىجرا قىلىشنى ئازايتىشتا قوللانغان بارلىق تەدبىرلىرىنى قايتۇرۇۋالغىلى بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى باشقا ئىمزا قويغان دۆلەتلەرمۇ كېلىشىمگە رىئايە قىلىشى كېرەك.





中央广播电视总台 央广网 版权所有