ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاۋشيەن ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننى «تېررورىزمنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى»گە يەنە بىر قېتىم كىرگۈزگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-07 18:09

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ يېقىندا چاۋشيەننى «تېررورىزمنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» گە يەنە بىر قېتىم كىرگۈزگەنلىكى ئېغىر سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىك، چاۋشيەن بۇنى ئەيىبلەيدۇ ھەمدە پۈتۈنلەي رەت قىلىدۇ. بۇ باياناتچى يەنە ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە مەيدانىنى كۆزدە تۇتۇپ، چاۋشيەن ئامېرىكا سۆھبەت كۆزنىكى «بارا-بارا تارىيىپ كەتتى» دېدى .

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى «2018-يىللىق تېررورلۇق دۆلەتلىرى ئايرىمىسى دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، ئامېرىكا چاۋشيەن، ئىران، سۇدان ۋە سۇرىيەنى «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» گە داۋاملىق كىرگۈزدى ھەمدە بۇ تۆت دۆلەتكە قورال ئېكسپورت قىلىش ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى داۋاملىق يولغا قويدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有