ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاۋشيەن بىلەن رۇسىيەنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئىستىراتېگىيەلىك سۆزلىشىشى موسكىۋادا ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-21 17:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك سۆزلىشىشى 11-ئاينىڭ 20 –كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 1-مۇئاۋىن مىنىستىرى تىتۋف بىلەن چاۋشيەن دىپلوماتىيە ۋازارىتىنىڭ 1-مۇئاۋىن ۋازىرى سۈي شەنجى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن چاۋشيەن ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ئالاقىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئەھۋالى ۋە ئىستىقبالىنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلدى. ئىككى تەرەپ يەنە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى، شەرقىي شىمالىي ئاسىيا ۋەزىيىتى ۋە باشقا زور خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有