ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۇتىن: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنى توسۇش ئېغىر ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-22 11:00

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن11-ئاينىڭ 20-كۈنى موسكۋادا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇشى ئېغىر خاتالىق دېدى.

پۇتىن شۇ كۈنى «رۇسىيە چاقىرىقى» يىللىق خەلقئارا مەبلەغ سېلىش مۇنبىرىدە ئالاقىدار پوزىتسىيەنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھەرىكەت ئۈنۈمى نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن كۆپ يۇقىرى، خەلق پۇلىنىڭ مۇقىملىقىمۇ ھەممىگە ئايان، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز پۇلى بىلەن راسچوت قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئىنتايىن رېئال ھەمكارلىق نىشانى.

پۇتىن ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنى ئارقا-ئارقىدىن جازالىشىغا قارىتا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئۇسۇلى رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسەتمىدى، بەلكى ئامېرىكا كارخانىلىرى بولسا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئالاقىدار مەنئىي قىلىش بۇيرۇقى بىلەن زىيانغا ئۇچرىدى، ئامېرىكىنىڭ جازاسى ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت ئۆزىنىلا جازالىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有