ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېيتانىياخۇ پارىخورلۇق، چىرىكلىشىشكە چېتىلىپ رەسمىي شىكايەت قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-22 17:26

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىسرائىلىيەنىڭ باش تەپتىشى ماندېل برىت 11-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە پارىخورلۇق، چىرىكلىشىشكە چېتىلغان زۇڭلى نېيتانىياخۇ ئۈستىدىن رەسمىي شىكايەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ماندېل برىت باياناتىدا بۇ قارارنىڭ ئۈزۈل-كېسىل، چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئاساسىدا چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. نېيتانىياخۇ پارا ئېلىش جىنايىتى، ئالدامچىلىق جىنايىتى ۋە ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلەندى.

نېيتانىياخۇ ئىسرائىلىيە تارىخىدىكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە شىكايەت قىلىنغان تۇنجى زۇڭلى بولۇپ قالىدۇ. شۇ كۈنى كەچتە نېيتانىياخۇ بايانات ئېلان قىلىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى «ساختا» شىكايەت بولۇپ، «مېنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش»نى مەقسەت قىلىدۇ، مەن قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن داۋاملىق دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىمەن دېدى.

جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: رەسمىي شىكايەت قىلىش ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە ئۇرۇنغان ۋە پارلامېنتتا كەچۈرۈم قىلىنىشقا ئۇرۇنغان نېيتانىياخۇغا قاتتىق زەربە بولدى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيەدە ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ سايلامدىن ئىلگىرىكى ئەڭ ئاخىرقى كابىنېت تەشكىللەش سۆھبىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېيتانىياخۇ پارىخورلۇق، چىرىكلىشىشكە چېتىلىپ رەسمىي شىكايەت قىلىندى

ئىسرائىلىيەنىڭ باش تەپتىشى ماندېل برىت 11-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە پارىخورلۇق، چىرىكلىشىشكە چېتىلغان زۇڭلى نېيتانىياخۇ ئۈستىدىن رەسمىي شىكايەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ماندېل برىت باياناتىدا بۇ قارارنىڭ ئۈزۈل-كېسىل، چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئاساسىدا چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. نېيتانىياخۇ پارا ئېلىش جىنايىتى، ئالدامچىلىق جىنايىتى ۋە ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلەندى