ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-26 14:55

شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ  25-كۈنى، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو توكيودا دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى.

ئابې شىنزو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېلەر يىلى ئەتىيازدا ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇشىنى قىزغىن  بىلەن كۈتمەكتە، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ يېڭى دەۋردىكى ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم پۇرسىتى بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ياپونىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايدۇ. ياپونىيە ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىرىنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش كېڭىشىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ھېسسىياتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سەزگۈر ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياخشى كەيپىيات ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىشنى خالايدۇ. مەن كېلەر ئايدا جۇڭگوغا بېرىپ جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش مەزگىلىدە جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى توغرىسىدا يەنىمۇ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى جۇڭگو-ياپونىيە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىدا زور ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۆۋەتتىكى ئېنىقسىز دۇنيا ۋەزىيىتىگە مۇقىملىق ئاتا قىلىدۇ. جۇڭگو باش ۋەزىر ئابىشىنزونىڭ كېلەر ئايدا جۇڭگوغا بېرىپ جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو ياپونىيە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش كېڭىشىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقى، يەرلىكلەر، ياش-ئۆسمۈرلەر ئالاقىسىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى

شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزو توكيودا دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى. ئابىشىنزو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېلەر يىلى ئەتىيازدا ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇشىنى قىزغىن بىلەن كۈتمەكتە،