ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىشىپ ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-26 15:40

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەسى، ئوكيانىيەگىچە «بىر بەلباغ ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى بوشلۇق ئېچىپ بەردى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دېڭىز بويى، ئىچكى قۇرۇقلۇق، چېگرا بويى رايونلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئېچىۋېتىشى ھەمدە شەرق، ئوتتۇرا، غەرب ۋە جەنۇب، شىمالنىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

 6-ئاينىڭ  26-كۈنى ئەتىگەندە لىق يۈك بېسىلغان ئېفىيوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يۈك ئايروپىلانى چۇڭچىڭ جياڭبېي خەلقئارا ئايرودرومىدىن ئۇچتى، بۇ چۇڭچىڭدىن دېھلى، ئەددىس-ئەبېبەگە قاتنايدىغان يۈك ئايروپىلانىنىڭ قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇ كۈنى قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى ۋەنجۇ نۆۋەتچى پويىزى چۇڭچىڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ گۇاڭشىنىڭ بېيبۇ قولتۇقىغا يۈرۈپ كەتتى، بۇ ماللار ئۇ يەردە دېڭىز تىرانسپورتى ئارقىلىق  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە توشۇلىدۇ.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، چۇڭچىڭدىن ئىبارەت بۇ ئىچكى قۇرۇقلۇق شەھىرى ئېچىۋېتىلگەن ئاخىرقى ئۇچتىن ئېچىۋېتىلگەن ئالدىنقى سەپكە يەنى شەرققە يۈزلىنىپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئالتۇن سۇ يولى ئارقىلىق دېڭىزغا چىقىدۇ؛ غەربتە جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ياۋروپاغا بارىدۇ؛ جەنۇبتا قۇرۇقلۇق-دېڭىز  يېڭى يولى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تۇتىشىدۇ؛ شىمالدا چۇڭچىڭ-مانجۇلى- رۇسىيە نۆۋەتچى پويىزى بىۋاسىتە رۇسىيەگە بارىدۇ. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، چۇڭچىڭنىڭ رۇسىيە، چېخ، سەئۇدى ئەرەبىستانى، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 40 تىن ئارتۇق ئاشتى، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تەڭ قۇرغان دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورتىدا 110 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق كۆلەمنى ساقلىدى.

تاغلىق شەھەر چۇڭچىڭ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش داۋامىدا ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلەتكەنلىكى، ماس تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

خېنەن ئۆلكىسى يېڭى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا، توردىن ئىبارەت تۆت يىپەك يولىنى ئېچىپ، دۇنيادىكى 200 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا ئالاقىسى ئورناتتى؛ يېمەكلىك، كىيىم-كېچەك، گىرىم بۇيۇملىرى، زاپچاسلار بۇ يەردە «دۇنيا-جۇڭگو» نىڭ تەقسىملىنىشىنى تاماملىدى.

ئىچكى موڭغۇلدىكى 18 چېگرا ئېغىزى  جۇڭگو-موڭغۇلىيە-رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورىغا تايىنىپ،  جۇڭگو-رۇسىيە قۇرۇقلۇق يولىدىكى %65 مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى، جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئوتتۇرىسىدىكى % 95 مال ئۆتكۈزۈش مىقدارىنى ئۈستىگە ئالدى. 2018-يىلى، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئىچكى موڭغۇلدىن 2850 نەچچە قېتىم ئۆتۈپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %50 ىنى ئىگەللىدى.

غەربكە ئېچىۋىتىشنىڭ پايدىسى بىلەن شىنجاڭنىڭ ماشىنىسازلىق خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە توشۇلۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئاتلاندى؛ شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان پەمىدۇر قىيامى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا بىلەن  ئىتالىيەنىڭ نابلىستا سېتىلماقتا.

لەنجۇ شەھىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئاشلىق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «غەربىي رايون ئاشلىق مەركىزى» بەرپا قىلىپ، رايون خاراكتېرلىك ئاشلىق زاپاس ساقلاش مەركىزى، ئاشلىق زاكاز مال ۋە سودا مەركىزى، ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش مەركىزى، ئىمپورت ئاشلىق پىششىقلاش بازىسى قۇردى.

جۇڭگو-بېرما تۆمۈر يولى، جۇڭگو-ۋېيتنام تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يۈننەننىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا ستېرېئولۇق قاتناش تورى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. 2018-يىلى يۈننەن بىلەن مېكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونىدىكى بەش دۆلەتنىڭ سودا ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 5.6 ئېشىپ،  ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش يۈننەننىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى 10 دۆلەتكە سالغان مەبلىغىنىڭ % 95 ىنى ئىگەللىدى.

سىچۈەندە يول راۋانلاشتى، ئىچكى قۇرۇقلۇق تاقاق ھالەتتە تۇرۇشقا خاتىمە بېرىلىپ،چەت جايلار يىراق تۇيۇلمايدىغان بولدى. بۇ يىل 4-ئايدا 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى مەزگىلىدە دۆلەت يىغىن مەركىزىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا بېيجىڭ، ئىچكى موڭغۇل، يۈننەن، گەنسۇ، شەنشى، نىڭشيا، فۇجيەن، خېيلۇڭجياڭ، چۇڭچىڭ، خۇنەن، سىچۈەن، شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر كۆپ مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» نى تەڭ قۇرۇش سودا سېلىنمىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈش قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش بوشلۇقىنىڭ دېڭىز ۋە دەريا بويىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇق، چېگرا رايونغىچە كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە  دۆلەت ئىچى سىرتى ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىشىپ ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈردى

ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەسى، ئوكيانىيەگىچە «بىر بەلباغ ، بىر يول» نى تەڭ قۇرۇش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى بوشلۇق ئېچىپ بەردى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دېڭىز بويى، ئىچكى قۇرۇقلۇق، چېگرا بويى رايونلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئېچىۋېتىشى ھەمدە شەرق، ئوتتۇرا، غەرب ۋە جەنۇب، شىمالنىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.