ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تۈركىيە جۇڭگوغا جۇڭگودىن يوقاپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-26 16:12

جۇڭگونىڭ يوقۇلۇپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئاناتولىيە مەدەنىيەت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيە دائىرىلىرى جۇڭگوغا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تاش غار ئىبادەتخانىسىدىكى بىر پارچە تام رەسىمى ۋە شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن سۈي سۇلالىسى دەۋرىگىچە قوشۇپ دەپنە قىلىنغان ساپال ھەيكەللەرنى ئۆتكۈزۈپ بەردى. مۇراسىمغا قاتناشقان جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېڭ لى مۇنداق دېدى: بۇ قىممەتلىك ئىككى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش جۇڭگو-تۈركىيە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ھەمكارلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، ئالاقىدار خەلقئارا ئەھدىنامە، ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمنى ئادا قىلىشنىڭ ئۈلگىسى.  بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ھۆرمەت قىلىش، مەدەنىيەت مال-مۈلۈكلىرىنى ئوغرىلاش، ئەتكەس قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تۈركىيە جۇڭگوغا جۇڭگودىن يوقاپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى

تۈركىيە دائىرىلىرى جۇڭگوغا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تاش غار ئىبادەتخانىسىدىكى بىر پارچە تام رەسىمى ۋە شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن سۈي سۇلالىسى دەۋرىگىچە قوشۇپ دەپنە قىلىنغان ساپال ھەيكەللەرنى ئۆتكۈزۈپ بەردى.