ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سەتچىلىكىنى يوشۇرۇش، سۇسلاشتۇرۇشى كەڭ تەنقىدكە ئۇچرىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-28 09:52

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مەھبۇسلارنى خورلاش سەتچىلىكى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلاندى. ئامېرىكا ئارمىيەسىدىكى جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە جىنسىي زىيانكەشلىك دېلولىرىنىڭ سانى داۋاملىق ئاشماقتا. ئافغانىستان، سومالى، سۇرىيە قاتارلىق جايلاردا ئامېرىكا ئارمىيەسى دائىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ قازا قىلىش-يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىگۇناھ كىشىلەرنى كەلسە-كەلمەس ئۆلتۈرۈش، مەھبۇسلارنى خورلاشتەك سەتچىلىكلىرىنى يوشۇرۇپ سۇسلاشتۇردى، ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، جامائەت پىكرىنى لەرزىگە سالدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى بىر تۇرالغۇغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغاندا نىشاننى خاتا تېپىپ، بىر ئائىلىدىكى تۆت بىگۇناھ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. بىز ئۇلارنىڭ ھايات قالغان تۇغقانلىرىنى تېپىپ ئازراق پۇل بېرىپ بولدى قىلدۇق. توماس كىبېنس-نېف ئامېرىكا «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بەش بۇرجەكلىك بىنادا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بولۇپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە ئافغانىستان جەڭ مەيدانىغا بارغان، بۇ ئۇنىڭ يېقىندا بۇ گېزىتتە ماقالە ئېلان قىلىپ ئافغانىستان ئۇرۇشىنى ئەسلىگەندە تىلغا ئالغان بىر ۋەقەلىكى». ئۇ: بىز ئافغانىستانلىقلارنى پەقەتلا چۈشەنمەيمىز، نۇرغۇن ئافغانىستانلىقلار بىزگە ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدۇ، چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ يۇرت-ماكانىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى خاتا ئۆلتۈرۈپ قويدۇق . . . دېدى.

توماس تىلغا ئالغان بىگۇناھ پۇقرالارنى قالايمىقان ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ئامېرىكىنىڭ چەتئەلدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ئۆمىكى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىدە ئافغانىستانلىق 305 پۇقرا قازا قىلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەنە بىر دوكلاتىغا قارىغاندا، بۇ يىل 5-ئايدا ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاننىڭ غەربىي رايونىدا تالىبانلارغا زەربە بېرىش ھەربىي ھەرىكىتىدە ئاز دېگەندە14 بالا، بىر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 بىگۇناھ پۇقرانى خاتا ئۆلتۈرگەن. لېكىن ئامېرىكا ئارمىيەسى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش دوكلاتىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلارنىڭ تالىباننىڭ زەھەر زاۋۇتىغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى بۇلتۇر ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى پۇقرالارغا خالىغانچە ئوق چىقىرىشتەك رەزىل قىلمىشىنى ئاشكارىلىدى. ئۈچ مىنۇت توققۇز سېكۇنتلۇق كۆرۈنۈشتە، ئامېرىكىنىڭ بىر ھەربىي ئاپتوموبىلى ئافغانىستاننىڭ نانگانخار ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم كوچىسىنى چارلاۋاتاتتى. بۇ ھەربىي ئاپتوموبىل ئافغانىستانلىق ھەيدىگەن بىر يۈك ئاپتوموبىلىدىن ئاستا-ئاستا ئېشىپ كەتكەندە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تۇيۇقسىز يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ كابىنكىسىغا ئوق چىقاردى، كابىنكىنىڭ ئىشىكى دەرھال ئېتىلىپ چېقىپ كەتتى، ئارقىدىن ئامېرىكا ئارمىيەسى نەخ مەيداندىن ئايرىلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ۋىدىيونى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بەزى ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ئۆزى سۈرەتكە ئېلىپ، يەڭ ئىچىدە ئۆزئارا تارقاتقان.

ئامېرىكىدىكى بىر ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا، بۇ يىل 3-ئايدا، سۇمالىدىكى ئۈچ بىگۇناھ دېھقان دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ بولۇپ ئۆيگە قايتىش يولىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلغان، ئۈچ ئائىلىدىكى 19 بالا دادىلىرىدىن مەڭگۈ ئايرىلغان. بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىدا، ئامېرىكا ئارمىيەسى سومالى «ياشلار پارتىيەسى»دىن بولغان ئۈچ تېررورچىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان. بۇ غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتىنىڭ سۇمالى مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئابدۇللا ھەسەن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافرىقا قوماندانلىق ئىشتابى بۇ ۋەقەنى چوڭقۇر تەكشۈرمىدى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقە باغلىمىدى، بۇ پەقەت ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سۇمالىدىكى بىگۇناھ كىشىلەرنى قالايمىقان ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدىكى بىر قېتىملىقى. ئامېرىكا ئارمىيەسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان پۇقرالارنىڭ ئائىلىسىگە قىلچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، بۇ ئائىلىلەرنىڭ غايەت زور قايغۇسىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قوزغىغان ئۇرۇشلىرىدا ئەسىرلەرنى خورلايدىغان نۇرغۇن قىلمىشلىرى بار. ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدىلا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقلىق مەھبۇسلارنى خورلاش ۋەقەسى سەۋەبى بىلەن سېسىق نامى پۇر كەتكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ خورلاش، قىيىن-قىستاققا ئېلىپ ئىقرار قىلدۇرۇش قىلمىشى چەكلەنمىگەن. ئاشكارىلانغان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سوراق قىلىش ۋاسىتىسى ئالقانغا ئۇرۇش، قورساق قىسمىغا ئۇرۇش، ئۇيقۇدىن مەھرۇم قىلىش، يالىڭاچ ھالەتتە ھاقارەتلەش، سۇ جازاسى، مەجبۇرىي تامغا ئۈستۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كۇبانىڭ گۋانتانامو تۈرمىسىگە قامالغان بىر ئەنگلىيە پۇقراسى ئامىر شاكىر قويۇپ بېرىلىپ ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: مەن ئامېرىكا ئارمىيەسى تۈرمىسىدە دەھشەتلىك خورلاندىم ۋە ھاقارەتلەندىم، جۈملىدىن مېنىڭ بېشىمنى تامغا ئۈستۈردى ھەمدە مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى فاتۇ بېنسۇدا ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا سادىر قىلىش ئېھتىمالى بولغان جىنايىتىنى ئىز قوغلاپ، ئامېرىكا ھەربىيلىرى ۋە ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ئافغانىستان ۋە باشقا كۆپ جايدا ئامېرىكا قاماپ قويغان خادىملارغا «قىيناش، خورلاش، شەخسىي ئىززەت-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە جىنسىي زوراۋانلىق قىلغانلىقى» نى بېكىتتى ھەمدە 2017-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا سادىر قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئۇرۇش جىنايىتىنى رەسمىي تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەسى ۋە تەپتىشلىرىنى جازالايمىز دەپ تەھدىت سالدى ھەمدە فاتۇ بېنسۇدانىڭ ئامېرىكىغا بېرىش ۋىزىسىنى بىكار قىلىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنى تەكشۈرۈشتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىدى.

2004-يىلى تاراتقۇلار ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراق تۈرمىسىدە مەھبۇسلارنى خورلىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم پاش قىلغاندىن بۇيان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مەھبۇسلارنى خورلىغانلىق سەتچىلىكىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلاندى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 10 نەچچە يىل كەينىگە سۈرۈلۈپ، 2016-يىلى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مەھبۇسلارنى خورلىغان سۈرىتىدىن 200 نى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ دەھشەتلىك جازا سۈرەتلىرىنى ئىزچىل ئىز قوغلاۋاتقان ئامېرىكا ئەركىنلىك ئىتتىپاقىنىڭ ئادۋوكاتى ئالېكىس ئابدۇ: «مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى زور بولغىنى، بۇ سۈرەتلەر پەقەت ئاشۇ سەل قارالغان سۈرەتلەردىنلا ئىبارەت» دېدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قارىشىچە، بۇ سۈرەتلەردە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بەدىنىدە قان ئۇيۇپ قېلىش، قىزىرىپ ئىششىش قاتارلىق تېرە زەخىملىنىش ئەھۋاللىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە سۈرەتلەر ئېنىق ئەمەس ئىكەن، بۇ بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئېغىرىدىن قېچىپ يېنىكىنى قوغلاشقانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا «ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى» نىڭ قارىشىچە، بۇ سۈرەتلەرنىڭ كەينىدە يەنە نۇرغۇن يوشۇرۇن پاكىتلار بار بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىراق مەھبۇسلىرىنى خورلاش ۋەقەسىدىنمۇ قورقۇنچلۇق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سەتچىلىكىگە بولغان تەنقىدى ئۈزۈلمىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىل 9-ئايدىكى بىر دوكلاتىدا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە سۇرىيە قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بارغان نۇرغۇن ھاۋا ھۇجۇمىدا «زۆرۈر بولغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ھەربىي نىشان بىلەن پۇقرالارنى ئايرىۋەتمىگەن» دەپ كۆرسىتىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرۈش كومىتېتى ئامېرىكا ئارمىيەسى سۇرىيە رايونىدا «پەرقسىز ھۇجۇم قوزغاپ، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەمدە ئاقىۋىتىگە قارىماي ئۇرۇش جىنايىتىنى شەكىللەندۈردى» دەپ ئەيىبلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ پۇقرالارنى قالايمىقان ئۆلتۈرۈش، مەھبۇسلارنى خورلاش قىلمىشىنى يوشۇرغانلىقى، ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشى جامائەت پىكرىنىڭ غۇلغۇلىسىنى قوزغىدى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئالاھىدە قىسمىنىڭ سابىق ئەسكىرى ئېدۋارد گالاگېر ئىراقتا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن دەپ ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، نەتىجىدە گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنغان.
2017-يىلى ئىراقنىڭ موسۇلدا، 15 ياشلىق بىر ئىراقلىق ئۆسمۈر ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن داۋالىنىۋاتقاندا، گالاگېر خەنجەر بىلەن ئۇنىڭ بوينىغا كۆپ قېتىم سانجىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، گالاگېر بۇ ئۆسمۈرنىڭ چېچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، يەنە بىر قولىدا خەنجەرنى بوينىغا توغرىسىغا تەڭلەپ تۇتۇپ نەچچە پارچە سۈرەتكە چۈشۈپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا: «مېنىڭچە كۆپچىلىك ئادەتتىكىدەك ھېس قىلىشى مۇمكىن، كېلەر قېتىم مەن ھېچكىم كۆرمىگەن جايدا مۇشۇنداق قىلىمەن» دېگەن. ئۇ يەنە ھېچقانداق بىخەتەرلىك خەتىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىككى ئىراق پۇقراسىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى دەپ ئەيىبلەندى. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ كەچۈرۈم قىلىندى ھەمدە شان-شەرىپى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرى كلىنت لورېنس ئافغانىستاندا ئەسكەرلەرگە ئۈچ پۇقراغا ئوق چىقىرىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، ئىككىنچى دەرىجىلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە ھۆكۈم قىلىنغان . قۇرۇقلۇق ئارمىيە شاۋشاۋى گولستاي ئافغانىستاندا قولغا ئېلىنغان بومبا ياساش جىنايەت گۇماندارىنى ئۆلتۈردى دەپ ئەيىبلىنىپ، سوتلىنىشنى كۈتىۋاتقان ئىدى. لېكىن يېقىندا ئۇلارنىڭ جىنايىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كەچۈرۈم قىلىندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئالىي مەخسۇس خادىم مەھكىمىسى بۇنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇ ئۈچ دېلونىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىدىغانلىقىنى، چوقۇم جازاغا تارتىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئالىي مەخسۇس خادىم مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى رۇبېرت كولۋىل مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى كىشىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدىغان سىگنال چىقارغانلىق. «جەنۋە ئەھدىنامىسى» قاتارلىق خەلقئارا ئەھدىنامىلەر ۋە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بويىچە، بۇلار ئېنىق چەكلەنگەن. ئېغىر ھەربىي جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەك . . . . . دېلو ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن بىراۋنى كەچۈرۈم قىلىش كىشىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ بىر قانۇن ياردىمى تەتقىقات تۈرىنىڭ مەسئۇلى جامېس گودستون دەل جايىغا تەككۈزۈپ: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى شۇكى، پەقەت ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلسىلا، ئاندىن خەلقئارا قانۇن بويىچە ئىش قىلىمىز دەپ قارايدۇ دەپ كۆرسەتتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سەتچىلىكىنى يوشۇرۇش، سۇسلاشتۇرۇشى كەڭ تەنقىدكە ئۇچرىدى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مەھبۇسلارنى خورلاش سەتچىلىكى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلاندى