ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گېرمانىيە فىدراتسىيەسى دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى ناتسىستلار مەزگىلىدىكى ھەربىي فورمىنىڭ سۈرئىتىنى كۆرسەتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەپۇ سورىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-28 15:19

گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى فېدېراتسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى تاراتقۇلاردا ناتسىستلار مەزگىلىدىكى ھەربىي فورما سۈرئىتىنى كۆرسەتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن كەچۈرۈم سورىدى.

باياناتچى مۇنداق دېدى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن فېدېراتسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان خاتالىق» ئۆتكۈزدى، ئەسەبىيزىمغا چېتىلىدىغان ھەرقانداق مەزمۇن فېدېراتسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى ئىچىدە چەكلەنگەن رايون.

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قىسىملاردىكى ئەسەبىي ئىدىيەگە قىلچە رۇخسەت قىلماسلىق پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېكىدىن ئاشقان ئوڭچىل ئىدىيەنىڭ قىسىمدا تارقىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، فېدېراتسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىدىكى ناتسىستلارنىڭ قالدۇق ئامىللىرىنى پائال تازىلىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有