ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-ھىندىستان ئاقىللار ئۆمىكى «جۇڭگو-ھىندىستان قوشۇلغان» ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسىنى بىرلىكتە پىلانلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-29 10:35

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

«جۇڭگو گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى بىلەن ھىندىستان دۆلەت تىپىنى ئۆزگەرتىش كومىتېتىنىڭ-5نۆۋەتلىك سۆھبەت يىغىنى» 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋۇخەندىكى دۇڭخۇ كۆلى ساھىلىدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو-ھىندىستاننىڭ 50 نەچچە ۋەكىلى يىغىنغا قاتنىشىپ، نۆۋەتتىكى جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، كەلگۈسىنى پىلانلىدى.

گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ما جيەنتاڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋالغۇش بولۇپ، يەر شارىلىشىشقا قارشى دولقۇن ئۈزلۈكسىز كۆتۈرۈلۈپ، ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشى كېڭىيىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىۋاتقان مۇھىتتا، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاندىن ئىبارەت يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىككى چوڭ دۆلەت، نوپۇسى كۆپ چوڭ دۆلەت، مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى بىر قەدەر تېز ئېشىشنى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تارازا تېشى ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچىسى بولۇپ قالدى.

نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ نوپۇسى 2 مىليارد 700 مىليوندىن ئاشىدۇ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۇنيانىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ، بازار كۆلىمى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىمۇ دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا يۇقىرى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ سودا سوممىسى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىشىپ، 2000-يىلىدىكىدىن 33 ھەسسە ئاشقان. جۇڭگو ھىندىستاننىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى بولۇش ئورنىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ كەلگەن، ھىندىستانمۇ جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى.

ما جيەنتاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىككى دۆلەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بەرپا قىلىشىنىڭ ئېھتىياجى، ئاسىيانىڭ تىنچ، گۈللىنىشىنىڭ ئېھتىياجى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى ۋە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئېھتىياجى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، «جۇڭگو ئارزۇسى»،«ھىندىستان ئارزۇسى»نىڭ ئوي-پىكىرى بىردەك. ئىككى تەرەپ سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئالدىدا بىر-بىرىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا بوران-چاپقۇن ئالدىدا جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەمدە بولۇپ، تېخنىكا، كەسىپ ئىنقىلابى پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشى كېرەك.

ھىندىستان دۆلەت تىپىنى ئۆزگەرتىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۇمار مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 11-ئايدا، ئىككى تەرەپ ھىندىستاننىڭ بومبايدا 4-نۆۋەتلىك سۆھبەتلەشتى، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىقتىساد-سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى بۇنىڭ بىلەن ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى ۋە كېڭەيدى. ھىندىستاندا ھازىر يېڭىدىن قۇرۇلغان 14 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا بار، بۇ سان بۇ يىل 18 مىڭغا يېتىدۇ، بۇمۇ جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

سودا مىنىستىرلىقى ئاسىيا مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لو شياۋمېي مۇنداق دېدى: خۇبېي تارىخىي ئاساسى چوڭقۇر، چۈنچيۇ دەۋرىدىكى چۇ دۆلىتى، ھىندىستان سودا يولىدىن بۈگۈنكى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغىچە، ۋۇخەن بىلەن ھىندىستاننىڭ مەنبەسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. نۆۋەتتە، خۇبېي بىلەن ھىندىستاننىڭ سودا سوممىسى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى، ھەمكارلىق ساھەسىدە تېببىي دورا، ئاپتوموبىل، يېزا ئىگىلىكى، تېلېگراف قاتارلىقلار بار.

ھىندىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تاڭ يۇڭشېڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى :يېرىم يىلدىن بۇيان، مەن ۋۇخەنگە ئۈچ قېتىم زىيارەتكە كەلدىم، يەنە بىر تۈركۈم ھىندىستان كارخانىلىرىنىڭ خۇبېينىڭ ۋۇخەنگە كېلىپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدىم. جۇڭگونىڭ يېرى كەڭ، بايلىقى مول، ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ قىياپىتى ئوخشاش ئەمەس، بۇ ھىندىستان كارخانىچىلىرى ۋە زىيارەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. جۇڭگو بىلەن ھىندىستان يەنە يەرلىك ھەمكارلىقنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىدۇ.

«بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنى ئۆزگىچە بولدى، ئۇ ئىككى دۆلەت ئاقىللار ئامبىرى ۋە ئالىملارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم مېخانىزم، ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا ماكرولۇق سىياسەت ئالاقىسى ۋە ماسلاشتۇرۇشىدىكى ئالدىنقى سەپ، ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە ئىدىيە ئۇچرىشىشىنىڭ يۇقىرى پەللىسى»

ما جيەنتاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپ ئاقىللار ئامبىرى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «جۇڭگو-ھىندىستان قوشۇلغان» ھەمكارلىقىنى چۆرىدەپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى چوڭقۇر ھەمكارلىقى ئۈچۈن ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-ھىندىستان ئاقىللار ئۆمىكى «جۇڭگو-ھىندىستان قوشۇلغان» ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسىنى بىرلىكتە پىلانلىدى

«جۇڭگو گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى بىلەن ھىندىستان دۆلەت تىپىنى ئۆزگەرتىش كومىتېتىنىڭ-5نۆۋەتلىك سۆھبەت يىغىنى» 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋۇخەندىكى دۇڭخۇ كۆلى ساھىلىدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو-ھىندىستاننىڭ 50 نەچچە ۋەكىلى يىغىنغا قاتنىشىپ، نۆۋەتتىكى جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، كەلگۈسىنى پىلانلىدى