ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چەتئەللەردىكى زاتلار ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭ توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى شياڭگاڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق دەپ قارىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-29 10:36

شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئامېرىكا ئاتالمىش «2019-يىلىدىكى شياڭگاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيەسى توغرىسىدا قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ قانۇنلاشتۇردى. چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەر، جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقانلىق، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا زور پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

فرانسىيە ئاقىللار ئامبىرى شىللېر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، فرانسىيە «يېڭى ئىتتىپاقلىق» گېزىتىنىڭ مەسئۇل مۇھەرىرى كىرىستىنا بىئېر مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ناھايىتى بىمەنىلىك، شياڭگاڭنىڭ قانۇنغا خىلاپ زوراۋانلىق قىلمىشىنى قوللىغانلىق ۋە كۈشكۈرتكەنلىك. ئامېرىكا شياڭگاڭ ئىشلىرىغا قول تىقىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيىتىگە زىيان يەتكۈزدى.

كۇبا خەلقئارا سىياسىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى خوسې روۋايىنا مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، بۇ قانۇن لايىھەسى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق. ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە تاللاش خاراكتېرلىك قوش ئۆلچەم قوللىنىۋاتىدۇ، بۇ خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا خىلاپ ساختا قىلمىش بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش. ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.

ئامېرىكا ئىئوۋا ئىشتاتىنىڭ سابىق ئاۋام پالاتا ئەزاسى گرېگ چۇساك مۇنداق دېدى: بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ «ساختىلىقى»نى گەۋدىلەندۈردى، بۇنىڭ شياڭگاڭنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قىلچە ياردىمى يوق.

ئامېرىكا «دۇنيا تاكتىكا ئۇچۇرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى ۋاشىنگتون شۆبىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام جونېس مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭغا چېتىشلىق قانۇن لايىھەسى روشەنكى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقانلىق بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى قالايمىقان ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

ئامېرىكا سان فىرانسىسكو جۇڭگولۇق سودىگەرلەر باش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جاڭ فۇمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قانۇن لايىھەسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقانلىق بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ناھايىتى ساختا، بىمەنىلىك، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆزگەرمەس قاراقچىلىق لوگىكىسى ۋە زوراۋانلىق قىلمىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ قانۇن لايىھەسى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئومۇمىيىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇقلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چياۋ فىڭشياڭ مۇنداق دېدى: بۇ قانۇن لايىھەسى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ناھايىتى چوڭ پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا پايدىسىز.

مىسىر «ئەلئېھرام كەچلىك گېزىتى»نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى تارك سانۇت مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قانۇن تۇرغۇزۇش بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى، بىر دۆلەتنىڭ قانۇنى باشقا دۆلەتلەرگە ماس كەلمەيدۇ. بۇ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىشىدىكى بىر ۋاستىسى. شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن ئىش پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ئامېرىكا ئارىلاشماسلىقى كېرەك.

مىسىرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسى مۇھەممەد جالال مۇنداق دېدى: بۇ قانۇن لايىھەسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئاشكارا ئارىلاشقانلىق بولۇپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى، ئامېرىكىنىڭ قالايمىقان دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بىرازىلىيە جۇڭگو مەسىلىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى رونى لىنس مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭغا چېتىشلىق قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، بۇ پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلىك.

بىرازىلىيە-جۇڭگو سودا-سانائەت باش جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئىسابېل كاۋاللو مۇنداق دېدى: ئامېرىكا نۇرغۇن خەلقئارا قارالمىلاردا باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھالىتىنى نامايان قىلدى. شياڭگاڭ جۇڭگونىڭ زېمىنى، شياڭگاڭ ئىشى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، شياڭگاڭ مەسىلىسىگە ئامېرىكىنىڭ قول تىقىشىغا تېخى نۆۋەت كەلمىدى.

بېلارۇسىيە تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىۋانوۋا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى بار، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق، ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا جەزمەن رىئايە قىلىشى كېرەك.

ئەنگلىيە كومپارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى روبېرت گرىففىس مۇنداق دېدى: بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەلقىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە تەكەببۇرلۇق بىلەن دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالى. ئۆتكەن 70 يىلدا، باشقا دۆلەتلەرنى بومباردىمان قىلىش، تاجاۋۇز قىلىش ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش جەھەتتە، ھېچقانداق دۆلەت ئامېرىكا قىلغاننى قىلىپ باقمىدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چەتئەللەردىكى زاتلار ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭ توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى شياڭگاڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق دەپ قارىدى

شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئامېرىكا ئاتالمىش «2019-يىلىدىكى شياڭگاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيەسى توغرىسىدا قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ قانۇنلاشتۇردى. چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەر، جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقانلىق، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ