ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە تۇنجى قېتىم ئىراق تەۋەسىدىكى نىشانلارغا ھەربىي ھەرىكەت قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-26 16:42

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپ 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىراننىڭ قورال-ياراغلىرىنىڭ ئىراقتىن ئۆتۈپ ئىسرائىلىيە دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈشنى توسۇش ئۈچۈن، ئىراقنىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى نىشانلارغا ھەربىي ھەرىكەت قوللانغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئىسپاتلىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى ئاۋىۋ كوخاۋى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى تىل-ئاۋىفتا ئۆتكۈزۈلگەن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىراقتا ئىچكى ئۇرۇش يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى قارىمىقىدىكى «مۇقەددەس شەھەر لۇسى» پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىراقتا قورال ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيە دۈشمەنلىرىنىڭ بۇ ئىلغار قوراللارغا ئېرىشىشىنى توسۇش ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت قوللىنىدۇ.

سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە كۆپ قېتىم ئىراننىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ، سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى نىشانلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى، ئىسرائىلىيە بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئەسلىھەلەرگە ئىراننىڭ لىۋان ئاللاھ پارتىيەسىگە يەتكۈزۈپ بەرگەن قورالىنى ساقلاپ قويغانلىقىنى ئېيتتى. سۈرىيە بىلەن ئىران ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق ئارمىيەسىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە تۇنجى قېتىم ئىراق تەۋەسىدىكى نىشانلارغا ھەربىي ھەرىكەت قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى

ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپ12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىراننىڭ قورال-ياراغلىرىنىڭ ئىراقتىن ئۆتۈپ ئىسرائىلىيە دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈشنى توسۇش ئۈچۈن، ئىراقنىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى نىشانلارغا ھەربىي ھەرىكەت قوللانغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئىسپاتلىدى.