ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىراقنىڭ پايتەختىدە تۆت قېتىم پارتلاش يۈز بېرىپ بىر كىشى قازا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-26 16:43

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا 12-ئاينىڭ 25-كۈنى تۆت قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر كىشى قازا قىلدى، 25 كىشى يارىلاندى. تېخى ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس بۇ قېتىملىقى ھۇجۇم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى جاكارلىمىدى.

ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەرباب شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا شۇ كۈنى باغدادنىڭ شەرقىي بىلەن شەرقىي شىمالىدا بىر قېتىمدىن پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى، شەرقىي جەنۇبىي قىسىمدا ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

2017-يىلى 12-ئايدا، ئىراق ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشتە تارىخىي خاراكتېرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى، لېكىن نۆۋەتتە ئىراق چېگراسى ئىچىدە يەنىلا بەزى ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ قالدۇقلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قوزغىماقتا.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىراقنىڭ پايتەختىدە تۆت قېتىم پارتلاش يۈز بېرىپ بىر كىشى قازا قىلدى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا 12-ئاينىڭ 25-كۈنى تۆت قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر كىشى قازا قىلدى، 25 كىشى يارىلاندى. تېخى ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس بۇ قېتىملىقى ھۇجۇم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى جاكارلىمىدى. ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەرباب شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا شۇ كۈنى باغدادنىڭ شەرقىي بىلەن شەرقىي شىمالىدا بىر قېتىمدىن پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى، شەرقىي جەنۇبىي قىسىمدا ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى