ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىراق ئامېرىكىنىڭ شىئە مەزھىپى خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بازىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-31 10:31

ئىراقدىكى شىئە مەزھىپى خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرى «خەلق سەپەرۋەرلىك تەشكىلاتى» 12-ئاينىڭ 29-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىزنىڭ ئىراق ۋە سۇرىيە چېگراسىدىكى بازىمىزغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، 25 كىشىنىڭ ئۆلۈشى، 51 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئامېرىكا ئارمىيەسى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىراق چېگراسى ئىچىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقتا تۇرۇشلۇق قىسمىنىڭ ھەربىي بازىسىغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن شۇ كۈنى شىئە مەزھىپىدىكى قوراللىق تەشكىلات «ئاللا بىرگادىسى»نىڭ ئىراق ۋە سۇرىيە چېگراسى ئىچىدىكى نۇرغۇن ئەسلىھەلىرىگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى، ئىراق دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى شۇ كۈنى قارانچۇق ھۆكۈمەت زۇڭلىسى ئابدۇللا مەھدىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە جىددىي يىغىن ئاچقاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراق ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيدۇ، دېدى ھەمدە مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلىك. بۇ ھەرىكەت ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن. ھۇجۇم قىلىش ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ نىشانى ۋە پىرىنسىپىغا خىلاپ، ئىراقنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاق بىلەن بولغان خەۋپسىزلىك، سىياسىي ۋە قانۇن قاتلىمىدىكى مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن قاراپ چىقىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئىراق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمۇ شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىراق مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت، ئۆز دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە.

«خەلق سەپەرۋەرلىك تەشكىلاتى» 2014-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، «ئاللا بىرگادىسى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شىئە مەزھىپىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرىدىن تەركىب تاپقان، 2018-يىلى 3-ئايدا ئىراق خەۋپسىزلىك قىسمىغا قوشۇلۇپ، ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە بويسۇنغان، «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش ئۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ئامېرىكا «خەلق سەپەرۋەرلىك تەشكىلاتى» بىلەن ئىراننىڭ ئالاقىسى قويۇق، ئۇزاق مۇددەت ئىراننىڭ مەشىق قىلدۇرۇشى ۋە قوللىشىغا ئېتىشتى، دەپ قارىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىراق ئامېرىكىنىڭ شىئە مەزھىپى خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بازىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

ئىراقدىكى شىئە مەزھىپى خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرى «خەلق سەپەرۋەرلىك تەشكىلاتى» 12-ئاينىڭ 29-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىزنىڭ ئىراق ۋە سۇرىيە چېگراسىدىكى بازىمىزغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، 25 كىشىنىڭ ئۆلۈشى، 51 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.