ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى: بەزى غەرب دۆلەتلىرى پارس قولتۇقىنىڭ جىددىي ۋەزىيەتنى قەستەن كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-31 10:31

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 12-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى پارس قولتۇقىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەشغۇلات قىلغانلىقىنىڭ ئاقىۋىتى، رۇسىيە بۇنىڭدىن ھوشيار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە بىلەن ئىران باراۋەر، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، پارس قولتۇقى رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلدى. لاۋروف شۇ كۈنى زىيارەتكە كەلگەن ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى ئومۇميۈزلۈك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كەلدى، بۇ رايون ۋە پۈتۈن دۇنياغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. پەقەت ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىلا، ئاندىن ئىران ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىشنى داۋاملىق تەلەپ قىلىدۇ. لاۋروف لىۋىيەدە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون تەسىس قىلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى: بەزى غەرب دۆلەتلىرى پارس قولتۇقىنىڭ جىددىي ۋەزىيەتنى قەستەن كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى، دېدى

رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 12-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى پارس قولتۇقىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەشغۇلات قىلغانلىقىنىڭ ئاقىۋىتى، رۇسىيە بۇنىڭدىن ھوشيار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.