ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى ھەمكارلىشىپ تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-02 09:20

2020-يىلى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلىپ، دىققەتنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇنداق دېدى: 21-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرغان، ھەم زىددىيەت، ھەم ھاياتىي كۈچكە تولغان بۇ دەۋردە، رۇسىيەنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىشى ۋە تۇرمۇشىنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىشى ئۈچۈن، «بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىشىمىز كېرەك ھەم شۇنداق قىلالايمىز». ئۇ: بىردەك ئىتتىپاقلىشىش ھەر قانداق قىيىن نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى دەپ تەكىتلىدى.

بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو مۇنداق دېدى: يېڭى بىر يىلدا بېلارۇسىيە خەلقى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن داۋاملىق بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، بېلارۇسىيەنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى بىر يىلدا، بىز دۆلەت ۋە خەلقنى باي-باياشات قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىپ، بارلىق پۇقرالارغا ئادىل بولغان بىر دۆلەت قۇرۇپ، بارلىق پۇقرالارنىڭ بەختىنى قوغدايمىز.

ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزايوف مۇنداق دېدى: 2020-يىلى، ئۆزبېكىستان كەڭ كۆلەملىك ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى داۋاملىق، پائال ئېلىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ياش ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، دۆلەت ئىچىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدۇ.

گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىدىن ئىبارەت بۇ يۈزلىنىش دۇنيانى ھەقىقىي تەھدىتكە ئۇچراتتى، مەن گېرمانىيەنىڭ «ئېكولوگىيە قاتلىمى، ئىقتىساد قاتلىمى ۋە جەمئىيەت قاتلىمى» جەھەتلەردە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن كاپالەتلىك قىلىمەن. مېركىل يەنە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنى رەقەملىك دەۋر ئېھتىياجلىق بولغان مائارىپ تەربىيەسىگە ئىگە قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسىدە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش، خاتىرجەم پېنسىيەگە چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

فرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون مۇنداق دېدى: گەرچە پېنسىيەگە چىقىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى غايەت زور ئىجتىمائىي توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مۇقەررەر بولۇپ قالدى. ئۇ فرانسىيەلىكلەرنىڭ 2020-يىلىنى كەلگۈسى ئون يىلدا دۆلەتنى قايتىدىن ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان ھالقىلىق يىل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ يەنە فىرانسىيەنىڭ پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى جونسون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنگلىيەنىڭ يېڭى يىللىق كۈنتەرتىپىدىكى بىرىنچى ۋەزىپىسى ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ قارارى بويىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش. يېڭى پارلامېنت 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»نى تاماملاشقا كۈچ چىقىرىدۇ. ئۇ يەنە داۋالاش سەھىيە ئىشلىرىغا سېلىنىدىغان سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، پۈتكۈل ئەنگلىيەنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، رايونلار ئارىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.

ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا مۇنداق دېدى: ئىتالىيەنىڭ ئىشسىزلىق، ئىجتىمائىي تەڭسىزلىك، كارخانا كىرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان مول بايلىقى ۋە تەجرىبىسى بار، ئۇ ئىتالىيەلىكلەرنى ئىجتىمائىي ئۇيۇشۇشچانلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئىشەنچ بىلەن گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو يېڭى بىر يىلدا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى ھەمدە بالىلار ئاز تۇغۇلۇش، قېرىلىشىش خىرىسىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، بارلىق ياش باسقۇچىدا خاتىرجەم بولىدىغان تۈزۈمنى قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئابې شىنزو 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈستىدە توختالغاندا: «بالىلارنى كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈپ، تەسەۋۋۇرغا تولغان ھەم ھاياجانلىق بىر مەيدان كاتتا مەرىكە ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

كورىيە زۇڭتۇڭى مۇن جېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق بىلەن بىرلىكتە ئۈمىدكە تولغان 2020-يىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋالىمىز، بۇ بىر يىلدا قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كورىيەنى ئورتاق گۈللىنىدىغان، تېز تەرەققىي قىلىدىغان دۆلەتكە تىرىشىپ ئايلاندۇرىمىز.

ھىندىستان زۇڭلىسى مودى مۇنداق دېدى: 2019-يىلى ھىندىستان نۇرغۇن ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، 2020-يىلى خەلقنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ دۆلەتكە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىپ، تۇرمۇشقا ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
موڭغۇلىيە زۇڭلىسى خۇرىلسۇخ مۇنداق دېدى: 2019-يىلى موڭغۇلىيەگە نىسبەتەن ئالاھىدە بىر يىل بولدى، ئىقتىسادى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 7.3 ئاشتى. ھۆكۈمەت ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ ھەمدە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاۋاتىدۇ.

مالايسىيە زۇڭلى ماخاتىر مۇنداق دېدى: خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى دۇنيا ۋە مالايسىيەنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە تېز تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. مەن ئامما ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، شەخسىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.

تايلاند پادىشاھى ماھا ۋاجرالوڭكوڭ خەلققە يېڭى يىللىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى، خەلقنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. تايلاند تۆۋەن پالاتاسىنىڭ رەئىسى چۈەن لىپەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلار ئاممىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا يەنىمۇ كىرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئاممىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

نېپال زۇڭلىسى ئوللې مۇنداق دېدى: گەرچە توسالغۇ ۋە خىرىسقا تولغان بولسىمۇ، دۆلەت تەرتىپسىز، داۋالغۇش ئىچىدىن تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش يولىغا كىردى. نېپال خەلقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشقا ئىشەنچىسى كامىل. 2020-يىلى ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى ھەمكارلىشىپ تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2020-يىلى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلىپ، دىققەتنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.