ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشىشى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئوق-دورا پۇرىقىنى كۈچەيتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-02 10:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىراقتىكى نامايىشچىلار 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى باغداتتىكى ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئىراننىڭ بۇ «ھۇجۇم»نى پىلانلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ئەسكەر كۆپەيتىپ بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئىران بۇنى قەتئىي ئىنكار قىلدى ھەمدە ئامېرىكىنى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆچ ئالماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىراق نامايىشچىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىشى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىئە مەزھىپىدىكى قوراللىق كۈچلىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش كەيپىياتىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگەنلىكى، بۇ ئامېرىكا بىلەن ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋىتىدە قىيىن مەسىلە پەيدا قىلىپلا قالماي، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن تىركىشىشكە يېڭى ئوق-دورا پۇرىقى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى:نەچچە يۈز نامايىشچى شۇ كۈنى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ سىرتىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ھەرىكىتىنى ئەيىبلەش شوئارى توۋلىدى. نامايىشچىلار ئەلچىخانىنىڭ سىرتقى تېمىغا «خەلقنىڭ نامى بىلەن تاقالدى» دەپ يېزىپ، ئەلچىخانا رىشاتكىسىدىكى بىر مۇھاپىزەت مۇنارىغا ئوت ياقتى. نامايىشچىلار ئارقىدىن ئەلچىخانىنىڭ سىرتقى ھويلىسىغا بۆسۈپ كىرىپ، ياش ئاققۇزۇش گازى قويۇپ بەرگەن مۇھاپىزەتچىلەر بىلەن توقۇنۇشتى.

ئىراق باغداد داشۆسىنىڭ سىياسەتشۇناسلىق لېكتورى ئىبراھىم ئامىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : يېقىندا ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراقنىڭ نۇرغۇن نىشانلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، نۇرغۇن شىئە مەزھىپىدىكى خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا زەربە بېرىش ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا قارىتا ئاچچىقىنى چىقىرىش ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بىر ھەربىي بازا نەچچە كۈن ئىلگىرى راكېتا بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر ئامېرىكىلىق ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەر قازا قىلدى، ئامېرىكىلىق نۇرغۇن ئەسكەرلەر يارىلاندى. ئامېرىكا ئارمىيەسى ئارقىدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى قوللاندى. ئىراقنىڭ شىئە مەزھىپىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرى بولغان «خەلق سەپەرۋەرلىك تەشكىلاتى» مۇنداق دېدى:ئامېرىكىنىڭ ئىراق-سۈرىيە چېگرىسىدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا تەشكىلاتىمىز ئەزالىرىدىن 25 كىشى قازا قىلدى، 51 كىشى يارىلاندى.

«خەلق سەپەرۋەرلىك تەشكىلاتى» «ئاللا بىرىگادىسى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شىئە مەزھىپىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 2018-يىلى3-ئايدا ئىراق خەۋپسىزلىك قىسىمىغا كىرگۈزۈلگەن،ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇيرۇقىغا بىۋاسىتە بويسۇناتتى. ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئىلگىرى راكېتا بومبىسى ھۇجۇمىنى «ئاللا بىرىگادىسى» قوزغىدى دەپ جاكارلىدى ھەمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىنىڭ قول ئاستىدىكى تەشكىلات بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق دەپ قارىدى.

ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى شۇ كۈنى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان نۇرغۇن نامايىشچىلارنىڭ «خەلق سەپەرۋەرلىك تەشكىلاتى»نىڭ كىيىمىنى كىيگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

ئەلچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئامېرىكا بىلەن ئىراق مۇناسىۋىتىگە يەنە كۆلەڭگە پەيدا قىلدى. ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراق خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئىراق ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىدىن ئىنتايىن نارازى بولدى. قارانچۇق ھۆكۈمەت زۇڭلىسى ئابدۇل مەھدى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق دەپ ئەيىبلىدى.

بىراق نامايىشچىلارنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ئىشى ئىراق ھۆكۈمىتىنى پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىراق خەۋپسىزلىك قىسمى نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇندى. ئىراقنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىمۇ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا يېتىپ باردى.زۇڭتۇڭ بارخام سالىھ، زوڭلى ئابدۇل مەھدى، خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ھابىشىلار نامايىشچىلارنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن ئايرىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

ۋەقەدىن كېيىن تىرامپ ئابدۇل مەھدى بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق خادىملىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئېسپېر ئامېرىكىنىڭ دەرھال ئوتتۇرا شەرق رايونىغا تەخمىنەن 750 ئەسكەر كۆپەيتىپ، بۇ رايوندىكى ئامېرىكا خادىملىرى ۋە ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان تەھدىتنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە، جۈملىدىن باغدادتا يۈز بەرگەن ۋەقەگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى : ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن كىرىزىس ئامېرىكا بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى»دە مۇنداق دەپ قارالدى: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ئىراقلىقلارنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش كەيپىياتىنى قوزغىدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىراقتىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئىراقتىكى تەسىر كۈچى رىقابىتىگە پايدىسىز. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋول كوچىسى گېزىتى»نىڭ قارىشىچە، ئىراق نامايىشچىلىرىنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى مەنپەئەتىنى قوغدىيالمايدىغانلىقى ياكى قوغداشنى خالىماسلىق تەسىرىنى كۈچەيتىدىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ جىددىي مۇناسىۋىتىمۇ ئەلچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ئىشىدىن كېيىن يەنىمۇ كۈچەيدى. تىرامپ ئىران ئامېرىكىنىڭ ھەرقانداق خادىملىرىنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشى ياكى ئەسلىھەلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دېدى ھەمدە بۇ بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئەمەس، بەلكى تەھدىت» دەپ تەكىتلىدى. ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بولسا ئامېرىكىنى يېنىكلىك بىلەن ھەرىكەت قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى ھەمدە ئاق سارايدىن ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى «بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك سىياسىتى» ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشنى تەلەپ قىلدى.

جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى چىن تيەن مۇنداق دېدى : يېقىندا ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يامانلاشتى. 2019-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ، ئىراقنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا نارازىلىق نامايىش پائالىيەتلىرى يۈز بېرىپ، جەمئىيەتتىكى داۋالغۇشنى كۈچەيتتى. ئامېرىكا-ئىران كۈرىشى بىلەن ئىراقنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى بىرلىشىپ، ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ تىركىشىشىنى كونترول قىلىشنىڭ تېخىمۇ تەسلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇنداقلا پارىس قولتۇقى ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى.

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي ئاسىيا ئافرىقا تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋېي لياڭ مۇنداق دەپ قارىدى : ئىراقنىڭ ھازىر سىياسىي ۋەزىيىتى ئاجىز، بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا بىلەن ئىران ئىراق چېگرىسى ئىچىدە زور ھەرىكەت قوللىنىشقا تەۋەككۈل قىلمايدۇ. لېكىن ئىراق ئامېرىكا بىلەن ئىران كۈرىشىدىكى «ئاساسىي جەڭ مەيدانى» بولۇپ، ئىككى دۆلەت تەسىر كۈچىنى تىرىشىپ ساقلايدۇ ۋە كېڭەيتىدۇ. بۇ قېتىمقى ۋەقە تەدرىجىي بېسىققان بولسىمۇ، كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپنىڭ تىركىشىشى يەنىلا داۋاملىشىدۇ.

ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى تىم كائىن تىۋېتېردا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى خاتا قىلمىشى ئامېرىكىنى تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ پارلامېنتنى ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل «ئۇرۇشقا يۈرۈش قىلىش» ئەخمىقانە قىلمىشىنى تېزدىن توسۇشقا مۇراجىئەت قىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشىشى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئوق-دورا پۇرىقىنى كۈچەيتتى

ئىراقتىكى نامايىشچىلار 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى باغداتتىكى ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئىراننىڭ بۇ «ھۇجۇم»نى پىلانلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ئەسكەر كۆپەيتىپ بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئىران بۇنى قەتئىي ئىنكار قىلدى ھەمدە ئامېرىكىنى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆچ ئالماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.