ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بىرۇنېيدىكى جۇڭگو شىركىتى سالغان تېمبۇرۇڭ چوڭ كۆۋرۈكى پۈتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-02 15:47

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو بىناكارلىق گۇرۇھى 6-ئىدارىسى بىرۇنېي تېمبۇرۇڭ دېڭىز ھالقىغان چوڭ كۆۋرۈكى تۈرىنىڭ مەسئۇلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى شىركىتىمىز ھۆددىگە ئېلىپ سالغان چوڭ كۆۋرۈكنىڭ CC4 بەلگىلىك باسقۇچىدىكى تۈرى ئوڭۇشلۇق پۈتتى، بىرۇنېي ھۆكۈمىتى مۇۋاپىق كۈننى تاللاپ چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىشى مۇمكىن دېدى.

تېمبۇرۇڭ دېڭىز ھالقىغان چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 30 كىلومېتىر كېلىدۇ، پۈتكەندىن كېيىن، بىرۇنېينىڭ مۇئارا رايونى بىلەن تېمبۇرۇڭ رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان دېڭىز ئۈستى چوڭ يولىغا ئايلىنىدۇ، بۇ ئىككى جاينىڭ ماشىنىلىق مۇساپىسى ھازىرقى ئىككى سائەتتىن قىسقىراپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ، بۇ-بىرۇنېينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

中央广播电视总台 央广网 版权所有