ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-07 15:13

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 1-ئاينىڭ 6–كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمىدى، نۆۋەتتە ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش پىلانى يوق. بۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تاراتقۇلارنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرىگە بەرگەن ئىنكاسى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتىدا يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش ۋە ئىراق خەۋپسىزلىك قىسمىنى قوللاش قاتارلىق ئىشلاردا ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 1-ئاينىڭ 6–كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمىدى، نۆۋەتتە ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش پىلانى يوق.