ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سۇلايمانىنى دەپنە قىلىش مۇراسىمى ئىراننىڭ پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-07 15:13

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغان ئىران ئىسلام ئىنقىلابىغا قاراشلىق «مۇقەددەس شەھەر بىرىگادىس»نىڭ قوماندانى قاسىم سۇلايمانىنى دەپنە قىلىش مۇراسىمى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزۈلدى.

ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە يۈز مىڭ ئىران ئاممىسى شۇ كۈنى تېھران كوچىسىغا چىقىپ سۇلايماننى ئۇزىتىپ قويغان. ئۇلار قارا كىيىم كىيىپ، ئامېرىكىغا قارشى شوئار توۋلاپ، لوزۇنكا كۆتۈرۈپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ دەرھال ئوتتۇرا شەرق رايونىدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ھامىنىيى، زۇڭتۇڭى رۇھانى قاتارلىقلار قاتناشقان. سۇلايمانى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى يۇرتى كەرمانغا دەپنە قىلىندى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有