ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ۋەكىلى، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى پارىس قولتۇقى رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-07 15:13

نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ زىددىيىتى كەسكىنلىشىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى پارس قولتۇقى رايونىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قارىتا، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاڭ جۈن 1-ئاينىڭ 6-كۈنى تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى پارس قولتۇقى رايونىنىڭ ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى، كونتروللۇقىنى يوقۇتۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش. جۇڭگو خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دىپلوماتىيە ھەرىكىتىنى پائال قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ.

جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف، فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لېدرىئون ۋە ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف قاتارلىقلار بىلەن تېلېفونلىشىپ، بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا كۈچ چىقاردى. جۇڭگو خەلقئارا مۇناسىۋەتتە قورال كۈچىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىشقا قارشى تۇرىدۇ، ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك قىلمىشى خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا خىلاپ بولۇپ، رايون جىددىي ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى، جۇڭگو ئامېرىكىنى قورال كۈچىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانماسلىققا دەۋەت قىلدى، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆزلىرىنى داۋاملىق تۇتۇۋېلىپ، مەسىلىنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ۋەكىلى، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى پارىس قولتۇقى رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ زىددىيىتى كەسكىنلىشىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى پارس قولتۇقى رايونىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قارىتا، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاڭ جۈن 1-ئاينىڭ 6-كۈنى تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ،