ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىران ئامېرىكا ئارمىيەسى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقىنى «تېررورلۇق تەشكىلات» قاتارىغا كىرگۈزدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-08 09:54

ئىران پارلامېنتى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى جىددىي تەكلىپ ماقۇللاپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقىنى «تېررورلۇق تەشكىلات» قاتارىغا كىرگۈزدى. ئىران ھۆكۈمەت تاراتقۇسى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جىددىي تەكلىپتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ بارلىق خادىملىرى، ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاپپاراتلار شۇنداقلا سۇلايمانىنى قەستلەشنى پىلانلىغان، ئۇنى يولغا قويغان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىرى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى. ئىران ھۆكۈمىتى «مۇقەددەس شەھەر بىرگادىسى»غا 200 مىليون ياۋرو ئاجرىتىپ، ئۇنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتمەكچى بولدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىران ئامېرىكا ئارمىيەسى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقىنى «تېررورلۇق تەشكىلات» قاتارىغا كىرگۈزدى

ئىران پارلامېنتى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى جىددىي تەكلىپ ماقۇللاپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقىنى «تېررورلۇق تەشكىلات» قاتارىغا كىرگۈزدى.