ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: ئىران ئىراقتىكى بازىمىزغا جەمئىي 16 باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-09 16:12

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئېسپېر 1-ئاينىڭ 8-كۈنى: ئىران بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلغاندا، جەمئىي 16 قىسقا مۇساپىلىك ترايىكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى دېدى.

ئېسپېر مۇنداق دېدى: مەن ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانىنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشقا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكى ھۇجۇملارنى قوزغاش ياكى قوزغىماسلىقىنى پەرەز قىلالمايمەن، ھازىر ئامېرىكا ئارمىيەسى يەنىلا ئېھتىيات ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ.

ئېسپېر بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەن ئامېرىكا ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رەئىسى مىللېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېنىڭچە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ بازا دائىرىسىدىكى پارتلاش ئورنىدىن قارىغاندا، ئىراننىڭ مەقسىتى قۇرۇلما خاراكتېرلىك ۋەيران قىلىش، ئاپتوموبىل ۋە ئايروپىلانلارنى ۋەيران قىلىش ھەمدە ئامېرىكا خادىملىرىغا زەربە بېرىش.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 1-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مۇنداق دېدى: قىسىملارنى تارقاقلاشتۇرۇش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن قوللىنىلغان ۋە ئۈنۈملۈك ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى ئىشلەتكەنلىكتىن، ئامېرىكا ۋە ئىراقتىن بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى، بازا پەقەت «ئەڭ تۆۋەن چەكتە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى».

中央广播电视总台 央广网 版权所有