ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ھەربىي توقۇنۇشى پەسىيىپ خەلقئارادا نېفىت باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-09 16:43

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ يېقىنقى پوزىتسىيەسى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ھەربىي توقۇنۇشىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىگە بولغان ئەندىشىسىنى پەسەيتتى، خەلقئارادا نېفىت باھاسى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى.

شۇ كۈنى بازار يېپىلغانغا قەدەر نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا 2-ئايدا تاپشۇرۇلىدىغان يېنىك خام نېفىتنىڭ قەرەللىك مال باھاسى 3.09 ئامېرىكا دوللىرى چۈشۈپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 59.61 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، %4.93 تۆۋەنلىدى. 3-ئايدا تاپشۇرۇلىدىغان لوندون برېنت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى 2.83 ئامېرىكا دوللىرى چۈشۈپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 65.44 ئامېرىكا دوللىرى يېتىپ، % 4.15 چۈشتى.

تىرامپ 1-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تېلېۋىزىيە نۇتۇقىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىرانغا دەرھال يېڭى ئىقتىسادىي جازا بېرىدۇ، ئامېرىكىنىڭ قورال كۈچى ئىشلەتكۈسى يوق، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئەڭ ياخشى تەھدىت ۋاسىتىسى.

ئوئاندا شىركىتىنىڭ ئالىي بازار تەھلىلچىسى ئېدىۋارد مويا مۇنداق دېدى: تىرامپ ئىران توغرىسىدىكى باياناتتا بىر خىل قۇرۇق ھەيۋە ۋە جەڭ قىلماي تۇرۇپ ئالدىن غەلىبە قىلىش بېشارىتىنى بەردى. ئۇنىڭ سۆزى ئامېرىكا-ئىران توقۇنۇشىنىڭ بىر ئاز پەسەيگەنلىكىدىن، بازارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بىراق مويا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا-ئىران توقۇنۇشى تېخى ئاخىرلاشمىدى، گەرچە نۆۋەتتە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش توسالغۇغا ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خەۋپ-خەتەر تۈگىمىدى. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有