ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىران ئۇكرائىنا ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش دەسلەپكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-09 16:43

ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، ئىراننىڭ ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۇكرائىنا ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى دەسلەپكى دوكلاتنى ئېلان قىلغان.
دوكلاتنىڭ مەزمۇنىدا مۇنۇلار تىلغا ئېلىنغان: شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئايروپىلان ئۇچقاندىن كېيىن تەخمىنەن 2400 مېتىر ئېگىزلىككە چىققاندا ئايروپىلاننىڭ سانلىق مەلۇماتى راداردىن غايىب بولغان، ئارقىدىنلا ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن، ئۇچقۇچى بىنورمال ئەھۋالغا مۇناسىۋەتلىك سىمسىز تېلېگراف ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان.

كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىۋاتقاندا ئوت كەتكەن، ئاخىرىدا يەرگە سوقۇلغاندا پارتلىغان.

ئايروپىلاننىڭ لىنىيەسىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى ئايروپىلان دەسلەپتە ئايرودۇرۇم چېگراسىدىن غەربكە قاراپ ماڭغان، تېخنىكىلىق مەسىلە كۆرۈلگەندىن كېيىن ئوڭغا بۇرۇلغان ھەمدە ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ئايرودۇرۇمغا قايتىشقا ئۇرۇنغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有