ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ئەربابلار ئىككى دۆلەت ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-11 17:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ئەربابلار 1-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە نىيۇيوركتا ئامېرىكا جۇڭگولۇق سودىگەرلەر باش ئۇيۇشمىسىنىڭ يىللىق تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى قويۇق، ئىككى دۆلەت ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى.

ئامېرىكا مىسسورى ئىشتاتىنىڭ سابىق باشلىقى، ئامېرىكا ئوتتۇرا قىسىم ئامېرىكا-جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بوب خولدىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى خىرىسقا تولغان دەۋردە تۇرۇۋاتىدۇ، ئەمما بۇ باسقۇچ ھامان ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ. بىز جۇڭگو شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا زاۋۇت قۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز، بۇ ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق.

ئامېرىكا ئوخايو ئىشتاتى دايتون شەھىرى دايتون تەرەققىيات ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى مىكى ھىتون: ئىككى دۆلەت ئىقتىساد سودا سۆھبىتىنىڭ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشى دايتون شەھىرىگە نۇرغۇن پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، دېدى.
خۇيفېڭ بانكىسى ئامېرىكا شىركىتىنىڭ لىدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مايكىل روبېرتىس مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدە ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقىسى ناھايىتى مۇھىم، ئىككى دۆلەت بۇنىڭدىن نەپ ئالىدۇ، دۇنيامۇ مۇشۇ سەۋەبتىن تېخىمۇ گۈللىنىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有