ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇشنى مۇراجىئەت قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-05 15:52

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروس 2-ئاينىڭ 4-كۈنى جەنۋەدە ئالاقىدار دۆلەتلەرنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن تەڭ بەھرىلىنىشكە ھەمدە «خەلقئارا سەھىيە نىزامى»غا زىت چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللانماسلىققا دەۋەت قىلدى.

تېدروس مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر تەخمىنەن %99 بىمار جۇڭگودا، باشقا دۆلەتلەردىكى بىمارلار سانى چەكلىك، بۇ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇ ئاممىۋىي ۋە خۇسۇسىي تارماقلارنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، داۋالاش ۋاسىتىسى، دورا ۋە ۋاكسىنا تەتقىقاتى جەھەتتە كۈچ چىقىرىشقا دەۋەت قىلدى.

تېدروس چەكلەش تەدبىرى قوللانغان دۆلەتلەرنىڭ تەدبىرنىڭ مۆھلىتىنى ئىمكان بار قىسقارتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە چەكلەش تەدبىرلىرى ئاممىۋىي سەھىيە ئىشلىرى دۇچ كەلگەن خەۋپ خەتەر بىلەن ماس كېلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقۇم ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغاندا ۋاقتىدا تەڭشىلىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有