ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ب د ت نىڭ باش كاتىپى جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-05 15:52

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇترىس 2-ئاينىڭ 4-كۈنى جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، كەمسىتىش قىلمىشىدىن ساقلىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

گۇترىس مۇنداق دېدى: جۇڭگو غايەت زور بايلىق  سەرپ قىلىپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇردى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ تىرىشچانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگو ۋە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان باشقا دۆلەتلەرنى كۈچلۈك قوللاپ، بىگۇناھ كىشىلەر ۋە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ نامىنى بۇلغاشتىن ساقلىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ب د ت نىڭ باش كاتىپى جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇترىس 2-ئاينىڭ 4-كۈنى جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى،