ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى جۇڭگونى تاسادىپىي ئاممىۋىي سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۇل ئەسلىھەسى تۈرى قەرزى بىلەن تەمىنلەيدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-11 17:12

ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگونىڭ تاسادىپىي ئاممىۋىي سەھىيە ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىشىگە ھەمكارلىشىش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن پائال كېڭىشىۋاتىمىز. مۇدىرىيەت كېڭىشى تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى ئاممىۋىي سەھىيە ئېھتىياجىنى قوللاش ئۈچۈن، جۇڭگونى تاسادىپىي ئاممىۋىي سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۇل ئەسلىھەسى تۈرى قەرزى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق دەپ قارىدى: ئاممىۋىي سەھىيە ئۇل ئەسلىھەسى ئاخىرىدا يەر شارىنىڭ ئاممىۋىي سەھىيە مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك پايدىغا ئىگە قىلىدۇ. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ھەمراھ ئاپپاراتلارنىڭ مەبلەغ سېلىشى جۇڭگونىڭ ئاممىۋىي سەھىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ ھەمدە يەر شارىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىغا ئۇزاق مۇددەت تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى جۇڭگونى تاسادىپىي ئاممىۋىي سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۇل ئەسلىھەسى تۈرى قەرزى بىلەن تەمىنلەيدۇ

ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگونىڭ تاسادىپىي ئاممىۋىي سەھىيە ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىشىگە ھەمكارلىشىش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن پائال كېڭىشىۋاتىمىز.