ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قازاقىستاندا تۇرۇپ قالغان 43 جۇڭگو پۇقراسى ئايروپىلان بىلەن دۆلەتكە قايتۇرۇپ كېلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-11 17:12

قازاقىستان ئاستانە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر پۇقراۋىي ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانى شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇرسۇلتاندىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇمدىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچتى. ئايروپىلانغا 43 جۇڭگو پۇقراسى چىققان ۋە تېببىي مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا جىددىي كېرەكلىك تېببىي ماددىي ئەشيالار قاچىلانغان.

ئۇقۇشىمىزچە، قازاقىستان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈچۈن 2-ئاينىڭ 3-كۈنى جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئارىسىدا قاتنايدىغان بىۋاسىتە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ۋاقتىنچە توختاتقان، شۇنىڭ بىلەن 43 جۇڭگو پۇقراسى قازاقىستاندا ۋاقتىنچە تۇرۇپ قالغان، جۇڭگو توپلىغان بىر تۈركۈم تېببىي ماددىي ئەشيالارنى توشۇشمۇ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان.

جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ قازاقىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىلەن كېڭىشىشى ئارقىلىق، قازاقىستان ھۆكۈمىتى 2-ئاينىڭ 10-ۋە 12-كۈنى نۇرسۇلتاندىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان KC227-نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قازاقىستاندا تۇرۇپ قالغان جۇڭگو پۇقرالىرىنى دۆلىتىگە ھەقسىز ئاپىرىپ قويۇش، ھەمدە جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى توپلىغان 10 توننا داۋالاش ماددىي ئەشياسىنى ھەقسىز توشۇشنى قارار قىلدى.

ئۇقۇشىمىزچە، قازاقىستان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا جۇڭگونى 1 مىليون جۈپ تېببىي پەلەي ۋە 500 مىڭدىن ئارتۇق ماسكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىددىي كېرەكلىك 13.6 توننا داۋالاش ماددىي ئەشياسى بىلەن تەمىنلىگەن. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قازاقىستاندا تۇرۇپ قالغان 43 جۇڭگو پۇقراسى ئايروپىلان بىلەن دۆلەتكە قايتۇرۇپ كېلىندى

قازاقىستان ئاستانە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر پۇقراۋىي ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانى شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇرسۇلتاندىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇمدىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچتى.