ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى جۇڭگودىكى كەسىپداشلىرى بىلەن بىللە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-11 17:12

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروس شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى قەرەللىك يىغىندا: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەزالىرى جۇڭگودىكى كەسىپداشلىرى بىلەن بىللە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا يېتىپ باردى، دېدى.

تېدروس مۇنداق دېدى:  كانادانىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمىي ئالىمى ۋە  جىددىي تاقابىل تۇرۇش مۇتەخەسسىسى دوكتور بىرۇس ئالۋارد باشچىلىقىدىكى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەزالىرى جۇڭگوغا يېتىپ باردى، ئۇلار ئارقىدىن باشقا ئەزالارنىڭ جۇڭگوغا بېرىشىغا تەييارلىق قىلىدۇ.

تېدروس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى 10دىن 15 كىچە ئەزادىن تەشكىللەنگەن، ئۇلار جۇڭگودىكى كەسىپداشلىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىشلەپ، «كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللارغا يېتەرلىك كەسپىي بىلىمى بىلەن تاقابىل تۇرۇش»قا كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېدروس دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن «ئۆز بىلىمى ۋە ماھارىتىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەقدىم قىلماقچى بولغان بۇ كىشىلەر»گە رەھمەت ئېيتتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有