ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۇركانى: جۇڭگونىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 14:29

ھىندىستان بومباي كۆزەتكۈچىلەر فوندى جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى كۇركانى يېقىندا بومبايدا مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ «خەلق ئۇرۇشى» شەكلىدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، مەن جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇمنى يېڭىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تولۇق ئىشىنىمەن.

ھىندىستاندىكى داڭلىق جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى بولغان كۇركانى تۇنجى بولۇپ جۇڭگودا يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا دىققەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو مەيلى تاقابىل تۇرۇش سۈرئىتى بولسۇن ياكى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىرادە جەھەتتە بولسۇن، كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگودا ھەممە ئادەم توختىماي خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، كۆپچىلىك ئۇخلىمايۋاتىدۇ ۋە ئارام ئالمايۋاتىدۇ. خەۋەرلەردىن ئىگىلىشىمچە، يېڭى دوختۇرخانىلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇرۇلۇپ بولۇنغان؛ تەنتەربىيە سارايلىرى، كۆرگەزمە مەركەزلىرى قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرى ۋاقىتلىق بىمارلارنىڭ ئايرىش رايونى قىلىنغۇچە ئادەتتىكى جۇڭگو ئاھالىلىرى ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىگە ماسلىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بەرگەن، نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ.

كۇركانى يۇقۇمنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىش ياكى كۆرسەتمەسلىكىگە بولغان ئەنسىرەشكە قارىتا مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو دۇنياۋىلىشىش دەۋرىدىكى مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن يۇقۇمنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو ئەڭ ئاخىرىدا يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ كەسكىن خىرىسىغا دۇچ كەلگەندە بارلىق دۆلەتلەر سەمىمىي ھەمكارلىشىشى كېرەك. خۇددى كىشىلەرنىڭ كۆرگىنىدەك يىراقتىكى ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن نېپالغا ئوخشاش يېقىن قوشنىلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگوغا ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتقان مۇشۇ پەيتتە يەنىلا بەزىلەر ئېرىقىزم سەپسەتىسىنى تەرغىب قىلىپ بىخۇدلۇق قىلىۋاتىدۇ.

كۇركانى مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ داۋالاش سەھىيە ساھەسىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق  ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن خىرىس ۋە تەھدىتكە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

كۇركانى مۇنداق دېدى: يەرشارىلاشقان دەۋردە پۇرسەت يەرشارىلاشقان بولىدۇ، خىرىس ۋە مەسئۇلىيەتمۇ يەرشارىلاشقان بولىدۇ. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئۇشتۇمتۇت يۈز بېرىدۇ، ئۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتتە يۈز بېرىدۇ، شۇڭا دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو خەلقى بىلەن بىرلىكتە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتى بار. پەقەت خەتەرلىك پەيتتە بىر-بىرىنى قوللىغاندىلا، ئاندىن ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋالالايدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۇركانى: جۇڭگونىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن

جۇڭگونىڭ «خەلق ئۇرۇشى» شەكلىدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى