ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتتە داۋاملىق يامرىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-24 16:08

بىر قانچە كۈندىن بۇيان، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتتە داۋاملىق يامرىدى، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنمىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى «كەڭ تارقالغان رايون»، «تەۋرەش مەركىزى» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ياۋروپانىڭ نۆۋەتتىكى ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن، نۇرغۇن دۆلەتلەر تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ.

يۇقۇم ئەڭ ئېغىر بولغان ئىتالىيەدە، 3-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار جەمئىي 59138 گە، قازا قىلغانلار 5476 گە يەتتى، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار ۋە قازا قىلغانلار ئالدىنقى كۈنىدىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئىتالىيە ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە شەھەرنى قامال قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە يېمەكلىك دۇكىنى ۋە دورىخانىدىن باشقا دۇكانلارنى تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىتالىيە ھۆكۈمىتى يۇقۇمنىڭ يەنىمۇ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ بارلىق باغچە ۋە باشقا ئاممىۋى سورۇنلارنى تاقىدى.

ئىسپانىيەدە، ھۆكۈمەت 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ دۆلەتتە 24 سائەت ئىچىدە يېڭىدىن 3646 ئادەم يۇقۇملانغان، جەمئىي 28 مىڭ 572 ئادەم يۇقۇملانغان؛ 394 بىمار يېڭىدىن قازا قىلغان، جەمئىي 1720 كىشى قازا قىلغان. باش ۋەزىر سانچېس پارلامېنتتىن دۆلەتنىڭ جىددىي ھالەت مۇددىتىنى 15 كۈن ئۇزارتىپ، 4-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ھۆكۈمەت 30 كۈن ئىچىدە «بارلىق زۆرۈر بولمىغان ساياھەت»نى چەكلەپ، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ساقلاش سىستېمىسى ئورنىتىدۇ ھەمدە ئارمىيەنى ئىشقا سېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە تىزگىنلەيدۇ.

گېرمانىيەدە 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 24 مىڭ 873 كە يەتتى، قازا قىلغان بىمار 90 دىن ئاشتى. گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل شۇ كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ئاممىۋى تۇرمۇشقا چەك قويىدۇ، بۇ ئاممىنىڭ ئاممىۋى سەپەرگە چىقىشىدا ئىككى ئادەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئاممىۋى ۋە شەخسىي سورۇنلاردا تەبرىكلەش خاراكتېرىدىكى توپلىشىشنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مېركېل بىلەن ئۇچراشقان بىر دوختۇرغا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغاچقا، مېركېل شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۆيىدە ئايرىۋېتىلدى.

فىرانسىيەدە 3-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 16 مىڭ 18 گە، قازا قىلغان كىشى 674 كە يەتتى. ھەمدە تۇنجى قېتىم بىر دوختۇر يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلدى. فىرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسمى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ ساقچى ۋە ژاندارمىلارغا ياردەملىشىپ «شەھەرنى قامال قىلىش» تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىكنى قوغداشقا مەسئۇل بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، فىرانسىيە ئارمىيەسى قۇرۇشقا مەسئۇل بولغان مىلۇستىكى بىر دالا ئۇرۇشى دوختۇرخانىسىدا 3-ئاينىڭ 21-كۈنى قۇرۇلۇش باشلاندى. بۇ دوختۇرخانا بۇ رايونغا ئېغىر كېسەلنى كۆزىتىش كارىۋىتىدىن 30نى كۆپەيتىپ بېرىدۇ.

شىۋېيتسارىيەدە 3-ئاينىڭ 22-كۈنى دىياگنوز قويۇلغان بىمار 7000دىن ئېشىپ، ئالدىنقى بىر كۈندىكىدىن 900 ى كۆپەيدى، قازا قىلغان بىمار 60 گە يەتتى. شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى چەتئەللەردە ساياھەت قىلىۋاتقان شىۋېيتسارىيە پۇقرالىرىنى تېزدىن ۋەتەنگە قايتىشقا مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە ئايرۇپىلان ھۆددىگە ئېلىپ جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىن مۇھاجىرلارنى چېكىندۈردى. بۇنىڭدىن باشقا شىۋېيتسارىيە ئارمىيەسى جىددىي 8000 ئادەم قوبۇل قىلىپ، ھازىر مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ئۈچ مىڭ ھەربىي بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەشكە تەشكىللىدى. ئاپەت ئېغىر بولغان تىچىنو ئىشتاتىدا، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ تاللا بازىرىغا كىرىپ مال سېتىۋېلىشىنى چەكلىدى.

ئەنگلىيەدە، 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بىمار 5683 كە يېتىپ، ئالدىنقى بىر كۈندىكىدىن 665 ى كۆپەيدى، قازا قىلغان بىمار 281 گە يەتتى. گەرچە ھۆكۈمەت تاماقخانا، مەيخانا، كىنوخانا قاتارلىق سورۇنلارنى تاقىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون يەنىلا ئاممىنى «ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقى»غا دىققەت قىلىشقا دەۋەت قىلدى ھەمدە ئەھۋالغا قاراپ تېخىمۇ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن باشقا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خۇسۇسىي دوختۇرخانىلار بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدى، خۇسۇسىي ئاپپاراتلارنىڭ داۋالاش بايلىقىمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىدۇ.

گىرېتسىيەدە، ھۆكۈمەت 3-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە سەپەرگە چىقىشنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى كونترول قىلدى، يەرلىك ئاھالىلەر زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا سىرتقا چىقسا بولمايدۇ. رومىنىيەدە، ھۆكۈمەت 3-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 22دىن باشلاپ سودا مەركەزلىرىنىڭ تىجارىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى، ئۈچتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ توپلىشىپ سىرتقا چىقىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى؛ 3-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ ئاھالىلەر سىرتقا چىققاندا چوقۇم سىرتقا چىقىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك، سائەت 22دىن ئەتىسى سائەت ئالتىگىچە جىددىي سەۋەب بولمىسا، سىرتقا چىقىشقا 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ كېچىدە يۈرۈش مەنئى قىلىندى. ليۇكسېمبۇرگتا ھۆكۈمەت 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ ئۈچ ئاي داۋاملىشىدىغان جىددىي ھالەتنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ۋېنگىرىيە، ئالبانىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئارمىيە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشكە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىندى.

سېربىيەدە، جۇڭگونىڭ سېربىيەگە ياردەم بېرىدىغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە بېلگرادقا يېتىپ باردى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىئانە قىلغان داۋالاش ماددىي بۇيۇملىرىمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى. سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. ۋۇچىچ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىپىسى ئېغىر تۇرۇقلۇق، سېربىيەگە ياردەم بەردى، سېربىيە خەلقى بۇ مېھىر-شەپقەتنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئۇلار بىزگە ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى سېربىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ئىلمىي، ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىلەن ياردەم بېرىپ، ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي تاماملاپ، بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتتە داۋاملىق يامرىدى

بىر قانچە كۈندىن بۇيان، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتتە داۋاملىق يامرىدى، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنمىدى.