ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بۇرچى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-24 16:16

ئىنسانلار ئوخشاش بىر يەر شارى كەنتىدە ياشايدۇ، تارىخ بىلەن رېئاللىق گىرەلىشىپ كەتكەن ئوخشاش بىر زامان-ماكاندا ياشايدۇ، ئىنسانلار بارغانسېرى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىگە ئايلانماقتا.

نۆۋەتتە، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنياغا يامراپ كەتتى. كىشىلەر ئىنسانلارنىڭ جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش ئەمەلىيىتىنىڭ شۇنچىلىك ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى، جاپا مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنىڭ شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى يىراقنى كۆرەرلىك دەۋر قىممىتىنى بارغانسېرى گەۋدىلەندۈردى.

ۋىرۇس رايون، ئىرق، دۆلەت ئايرىماي، سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزمەكتە. خەۋپ-خەتەر ئالدىدا،ئىنسانلارنىڭ تاغ ـ دەريالاردىن ھالقىغان ئىللىق مېھرى تىل ئوخشاشماسلىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مەدەنىيەت پەرقىدىن ھالقىپ، ۋىرۇسقا ئورتاق تاقابىل تۇرىدىغان قەلب سېپىلى ھاسىل قىلدى. ئامېرىكا كاسكاد باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 4-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى يېقىملىق ئاۋازدا ئورۇنلىغان

«كۈلگەندە تولىمۇ گۈزەلسىز» ناملىق خەنزۇچە ناخشىنىڭ «چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئۈستىدە بىر چوڭ كۆۋرۈك بار، چوڭ كۆۋرۈكنىڭ يېنىدا سېرىق تۇرنا راۋىقى بار، بوران-چاپقۇننىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چىرايىڭىزدىن كۈلكە يېغىپ تۇرىدۇ.» دېگەن مىسرالىرى تىنچ ئوكياندىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان جۇڭگو خەلقىگە ئىلھام ۋە بەخت تىلىدى.

توكيو كوچىلىرىدا سوغۇق شامالدا ۋۇخەنگە ئىئانە توپلىغان ياپونىيەلىك چىپاۋ كىيىۋالغان قىز كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ. ياپونىيە بىلەن كورېيەنىڭ جاپادا بىللە بولۇشى، ئىراننىڭ بارنى تەڭ ئىشلىتىشى، پاكىستاننىڭ ئۆزىنى ئويلىماستىن پۈتۈن دۆلەت بويىچە ياردەم بېرىشى، موڭغۇلىيەنىڭ 30 مىڭ تۇياق قوي سوۋغا قىلىشى ئەل قەلبىدىكى قېرىنداشلىق مېھرىنى ھەر تەرەپتىن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان جۇڭگوغا يەتكۈزدى،بۇ ھەر بىر ئىش ھەر بىر نەرسىنى جۇڭگو خەلقى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ. ھايات-ماماتتا بىللە بولۇشتەك ئىنسانلارنىڭ ساپ ھېسسىياتى خەتەرلىك پەيتتە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ شانلىق نۇرىنى چاقناتتى.

نۆۋەتتە، جۇڭگودا يۇقۇم ۋەزىيىتى ئازراق ياخشىلاندى، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە يۇقۇم ۋەزىيىتى جىددىي بولماقتا، جۇڭگو خەلقى قىلچە ئىككىلەنمەي، ياردەم قولىنى سۇندى. كورېيەگە ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالارغا «مېھىرنىڭ چېگراسى يوق» دېگەن خەتلەر يېزىلدى؛ ئىتالىيەگە توشۇلغان ماددىي ئەشيالارغا تۇراندۇ ناملىق ئوپېرانىڭ «يوقال كېچە، تاڭ سەھەردە غەلىبە قىلىمىز» دېگەن ئارىيە تېكىستى ۋە نوتىسى بېسىلدى، فىرانسىيەگە توشۇلغان ماددىي ئەشيالارغا «ھەقىقىي دوستلارغا ئارىلىق يىراق ئەمەس» دېگەن خەتلەر ۋە يۈگونىڭ «ئىتتىپاقلاشقاندا چوقۇم غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزى يېزىلغان بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ۋە ئەقىل ـ پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن ھەر بىر جۈملە سۆز زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، قەلبلەر تارىنى چەكتى.

يېقىندا ئىتالىيەلىك بىر قىزنىڭ سىزغان رەسىمى سانسىزلىغان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك تورداشلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. ئۇنىڭ رەسىمىدە بىر جۇڭگولۇق تېببىي خادىمى بىلەن بىر ئىتالىيەلىك تېببىي خادىم پۈتۈن كۈچى بىلەن خەرىتە ئىچىدىكى ئىتالىيە كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

دۇنيانىڭ يۇقۇمغا قارشى جېڭى ئەڭ جىددىي بولۇۋاتقان نۆۋەتتىكى پەيتتە، جۇڭگونىڭ بىر قانچە تۈركۈمدىكى داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى جەزبىدارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلاندى. ئىتالىيە كوچىلىرىدا جۇڭگونىڭ دۆلەت شېئىرى- «پىدائىيلار مارشى» ياڭرىدى، ئاھالىلەر «جۇڭگوغا رەھمەت» دەپ توۋلىدى؛ سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ ئايرودرۇمغا كۈتۈۋېلىشقا چىقىپ، جەينەك سوقۇشتۇرۇپ سالاملىشىپ جۇڭگو داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرىغا ئېھتىرام بىلدۈردى. ھەقىقىي مېھىر ئىپادىلەنگەن بۇ كۆرۈنۈشلەر جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنىڭ دۇنيادىكى ئىنكاسى.

ۋىرۇس ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. يۇقۇم تارقالغاندىن بۇيان، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق ـ ئاشكارا ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، يۇقۇم ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، داۋالاش تەجرىبىلىرىدىن بەھرىلەندۈردى. ھازىرغىچە جۇڭگو 82 دۆلەت ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى،ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى ۋىدېئولۇق يىغىنى ئاچتى. ھۆكۈمەتتىن ئەل ئارىسىغىچە، ماددىي ئەشيا ياردىمىدىن تېخنىكا ھەمكارلىقىغىچە، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشتەك جۇڭگو مېھرى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق روھى يەتكۈزۈلدى.

ئىككى ئايدىن بۇيان، جۇڭگو رەھبەرلىرى چەت ئەل سىياسىي ئەربابلىرى بىلەن تېلېفونلىشىش، خەت ئەۋەتىشتىن يەنە كۆرۈشۈشكىچە، خەلقئارا جەمئىيەتكە باشتىن-ئاخىر جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قەتئىي ئىشەنچىسى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا ئىرادە باغلاش بىلەن بىللە، دۇنيانىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشىغا تۆھپە قوشۇشتىكى چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى يەتكۈزدى. بىز ئىشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، تەلتۆكۈس غەلىبە قىلىشقا تىرىشىمىز، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلىشىگە ئىشەنچ بېغىشلايمىز، جۇڭگو يۇقۇمنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كېڭىيىشى، يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن جۇڭگونىڭ رولىغا قارىتا: جۇڭگو يۇقۇمغا ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە ۋاقتىدا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بەردى، دېدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى ئىجابىي باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپلا قالماي، يەنە دۇنيا ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا خەلقىنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

جەنۋەدە تۈن پەردىسى ئاستىدا، كەچ سائەت توققۇزدا ئالقىش ياڭرىتىش شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەر كۈنى قىلىدىغان پائالىيىتىگە ئايلاندى، كىشىلەر بالكون ۋە دېرىزە ئالدىدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان تېببىي خادىملارغا چاۋاك چېلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروس ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ھاياجانلانغان ھالدا: بۇ نېمىدېگەن تەسىرلىك مىنۇتلار! جەنۋەدىكى يېرىم كېچىدىكى ئالقىش سادالىرى ئىتتىپاقلاشقاندىلا ئاندىن يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنى مەغلۇپ قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى دېدى.

ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ ئامانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش ئەڭ كۈچلۈك قورال. يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسقا قانچە دۇچ كەلگەنسېرى، شۇنچە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، بىرلىكتە بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە، كىرىزىسنى ھاياتىي كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

20 دۆلەت گۇرۇھى يېقىندا «20 دۆلەت گۇرۇھى ماسلاشتۇرغۇچىلىرىنىڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى توغرىسىدىكى باياناتى» نى ئېلان قىلىپ، دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق كۈچلۈك سىگنالى تارقاتتى. جۇڭگو: 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم سۇپىسى ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋىرۇس كىشىلەر ئارا نورمال ئالاقىنى بىر مەھەل ئۈزۈپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن يەر شارى كەنتىدىكى ھەممە ئائىلىنىڭ قەلب رىشتىسىنى توسۇپ قالالمايدۇ. ئىتالىيەدىن بىرازىلىيەگىچە، كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا بالكون كونسېرتى پائالىيىتىنى قوزغاپ، ئالقىش سادالىرى ئارقىلىق ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، مۇزىكا ئارقىلىق كۈچ تارقاتتى.

بوران-چاپقۇندىن كېيىن ھامان قۇياش نۇرى كۆرۈنىدۇ. بىزنى مەغلۇپ قىلالمىغانلارنىڭ ھەممىسى ھامان بىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بىرىكمە كۈچ توپلاپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولسىلا، دۇنيانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەڭ غەلىبىسىنى تېزلا قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بۇرچى

ئىنسانلار ئوخشاش بىر يەر شارى كەنتىدە ياشايدۇ، تارىخ بىلەن رېئاللىق گىرەلىشىپ كەتكەن ئوخشاش بىر زامان-ماكاندا ياشايدۇ، ئىنسانلار بارغانسېرى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىگە ئايلانماقتا.