ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2021-يىلىغا كېچىكتۈرىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-25 13:06

خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسى كومىتېتى بىلەن توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: توكيو 32-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش مۇددىتى 2020-يىلدىن كېيىنگە ئۆزگەرتىلىدۇ، ئەمما 2021-يىلى يازدىن كېيىنگە قالمايدۇ، ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەشئىلىنىڭ چوغى ياپونىيەدە قالدۇرۇلىدۇ، توكيو 2020-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىسمىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ، قىسمەن خەلقئارا تەنتەربىيە يەككە تۈرلىرى بىرلەشمىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كېچىكتۈرۈشتىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2021-يىلىغا كېچىكتۈرىلىدۇ

توكيو 32-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش مۇددىتى 2020-يىلدىن كېيىنگە ئۆزگەرتىلىدۇ