ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يېڭى تاجسىمان ۋىروسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋەزىيىتى جىددىي بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-25 14:48

يېڭى تاجسىمان ۋىروسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تېز سۈرئەتتە يامرىدى. 3-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە، بۇ رايوندىكى يۇقۇم ئەڭ ئېغىر بولغان ئىراندا جەمئىي دىياگنوز قويۇلغان بىمار 20 مىڭدىن ئاشتى، تۈركىيە ۋە ئىسرائىلىيەدە جەمئىي 1000دىن ئاشتى، سۇرىيە شۇ كۈنى تۇنجى بىمارنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتتى.

ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىراندا يېڭىدىن 1028 يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارىنىڭ كۆپەيگەنلىكى،جەمئىي 21 مىڭ 638 كىشىگە دىياگنوز قويۇلغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە 1685كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. تېھران شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۇداز 3-ئاينىڭ 22-كۈنى شەھەر ئىچىدىكى بارلىق سودا مەركەزلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقى، پەقەت دورا دۇكىنى ۋە قولايلىق تاللا بازىرىنىڭلا تىجارەت باشلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭدىن باشقا ئىران ھۆكۈمىتى ئىراندىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ سودا سارىيى ئىران مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ بىر قىسمىنى چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىغا ئۆزگەرتمەكتە.

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى مەزكۇر دۆلەتتە يېڭىدىن تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى بىمارىدىن 289نىڭ كۆپەيگەنلىكى، جەمئىي دىياگنوز قويۇلغانلارنىڭ 1236غا يەتكەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە 30نىڭ قازا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىركىتىمىز 3-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە شياڭگاڭ، موسكۋا، ئەددىس ئەبىبە، نىيۇيورك ۋە ۋاشىنگتوندىن باشقا بارلىق خەلقئارا يولۇچىلار تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى توختىتىدۇ.

ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇنداق دېدى: مەزكۇر دۆلەتتە يېڭى تاجسىمان ۋىروسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارىدىن يېڭىدىن 188ى كۆپەيدى، جەمئىي دىياگنوز قويۇلغانلار 1071گە يەتتى، بىرى قازا قىلدى. ئىسرائىلىيە شۇ كۈندىن باشلاپ ھەر كۈنى تەخمىنەن 3000 كىشىگە قارىتا يېڭى تاجسىمان ۋىروس تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدۇ.

سۈرىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى مەزكۇر دۆلەتتە تۇنجى يېڭى تاجسىمان ۋىروسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارىنىڭ بايقالغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىمار تەخمىنەن 20 ياشتا بولۇپ، چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇم كۆرۈلگەن رايوندىن كەلگەن ئىكەن. سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئاممىۋى قاتناشنى ۋاقىتلىق توختىتىش، قىسمەن چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغاندىن سىرت، ھەرقايسى ئۆلكىلەردە يۇقۇمنى كۆزىتىش جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسىدىن 19نى قۇرۇشنى ھەمدە دەمەشق، ھەلەب ۋە لاتاكىيادا ۋىرۇس تەكشۈرۈش زاپاس تەجرىبىخانىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى.

مىسىردا 3-ئاينىڭ 22-كۈنى يېڭى تاجسىمان ۋىروسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى جەمئىي 327 گە يەتتى، 14 كىشى قازا قىلدى. مىسىر ساياھەت ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 3-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە، مىسىر تەۋەسىدىكى بارلىق مۇزېي، ئارخېئولوگىيە خارابىلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى بىردەك تاقىلىدۇ ھەمدە دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ.

ئىراقتا 3-ئاينىڭ 22-كۈنى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى جەمئىي 233گە يەتتى، جەمئىي 20 كىشى قازا قىلدى. ئىراقتا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان جىددىي كومىتېت شۇ كۈنى پايتەختتە يولغا قويۇلغان كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىش ۋاقتىنىڭ 3-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە ئۇزارتىلىدىغانلىقى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەكتەپلەرنىڭ داۋاملىق دەرس توختىتىدىغانلىقى، ئىراققا كىرىپ چىقىدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ۋاقىتلىق توختىتىش بۇيرۇقىنىڭ 3-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە ئۇزارتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. كۇۋەيت سەھىيە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى كۇۋەيتتە شۇ كۈنى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارىدىن يەنە 12سىنىڭ كۆپەيگەنلىكى، جەمئىي 188كىشىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە 30ئىنىڭ ساقايغانلىقىنى جاكارلىدى. كۇۋەيت ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىش يولغا قويۇلىدۇ، كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىش ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 17 دىن ئەتىسى سەھەر سائەت 4 كىچە بولىدۇ، كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلارغا ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ۋە 10 مىڭ كۇۋەيت دىنارى (تەخمىنەن 33 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئاممىۋى ۋە خۇسۇسىي تىجارەت تارماقلىرى ئىككى ھەپتە ئىشتىن توختاش ئاساسىدا 4-ئاينىڭ 12-كۈنىگە قەدەر يەنە ئىككى ھەپتە ئىشتىن توختايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاللا بازىرى ۋە دورىخانىلاردىن باشقا بارلىق دۇكانلار تاقىلىدۇ.

ماراكەشتە 3-ئاينىڭ 22-كۈنى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار جەمئىي 115كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە قازا قىلغانلار تۆت. ماراكەش ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەردىن باشلاپ، زۆرۈر لازىمەتلىكلەر ۋە داۋالىنىش قاتارلىق ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى توشۇشتىن باشقا، بارلىق شەھەرلەر ئارا قاتناشنى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
3-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا دىياگنوز قويۇلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى جەمئىي 511گە؛ ئىيوردانىيەدە جەمئىي 112گە؛ ئالجىرىيەدە جەمئىي 201گە؛ قاتاردا جەمئىي 494گە؛ بەھرەيندە جەمئىي 334گە ؛ لىۋاندا جەمئىي 24 گە يەتتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يېڭى تاجسىمان ۋىروسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋەزىيىتى جىددىي بولدى

يېڭى تاجسىمان ۋىروسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تېز سۈرئەتتە يامرىدى.