ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-ۋىيېتنام خىزمەتچىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىخەتەرلىك تورىنى مۇستەھكەملىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-25 14:58

جۇڭگو تۆمۈر يولى 6-ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى چەتئەل قۇرۇلۇش شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، خانوي يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يول تۈرىنىڭ دىرېكتورى تاڭ خۇڭ يېقىندا ۋىيېتنامنىڭ پايتەختى خانويدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرى ۋە ۋىيېتنامنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىز يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىر قاتار تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ ۋە يولغا قويۇپ، يوچۇق قالدۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. نۆۋەتتە تۆمۈر يول تۈرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار ۋە گۇمانىي بىمارلار بايقالمىدى.

جۇڭگو تۆمۈر يول 6-ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ھۆددىگە ئېلىپ ياساۋاتقان خانوي يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يولىنىڭ جىلىڭ -خانوي شەرقىي لىنىيەسى ۋېيتنامدىكى تۇنجى شەھەر يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يولى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 13 كىلومېتىر كېلىدۇ، جەمئىي 12 بېكەت تەسىس قىلىندى. بۇ يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يول جۇڭگو-ۋىيېتنام ھەمكارلىقىدىكى نۇقتىلىق تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن، خانوينىڭ شەھەر يول تورى ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قاتناش بېسىمىنى يېنىكلىتىش، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يېقىندا ۋىيېتنامدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى داۋاملىق كۆپىيىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى. مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈر يول 6-ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى خانوي يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يول تۈرى بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو-ۋىيېتنام خىزمەتچىلىرى بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىخەتەرلىك تورىنى مۇستەھكەملەپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتە «ئىككىدە خاتالىق سادىر قىلماسلىق»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

ۋىيېتنامدا تۇنجى تۈركۈمدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى دەل چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بايقالغانلىقتىن، يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يول تۈرىدىكى نۇرغۇن جۇڭگو تەرەپ خادىملىرى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى توختاشتىن ئىلگىرى ۋېيتنامغا قايتىشقا ئۈلگۈرەلمىدى.

تاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: بىراق بىز چوقۇم دەرھال ھەرىكەتكە كېلىشنى قارار قىلدۇق. تۈر بۆلۈمى تېزدىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بويىچە دۆلەت ھالقىغان توردا ئىش بېجىرىش يىغىنى ئاچتۇق. جۇڭگو تەرەپتىن ئىش ئورنىدا قالغان خادىملار دەرھال ۋىيېتنام تەرەپ خىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىرلىكتە باشلاپ، تۈر تۇرۇشلۇق جاينى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەپ، چاغانلىق دەم ئېلىشتىن كېيىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى.

2-ئاينىڭ ئاخىرىدا تاڭ خۇڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ رەھبىرى تايانچلىرى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ خانويغا قايتتى. ئۇلار شۇ جايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بەلگىلىمىسى بويىچە ئاڭلىق ئايرىپ تۇرۇلغان مەزگىلدە، يىراقتىن ئىش بېجىرىش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يول تۈرىدە يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى قۇردى، ئايرىپ تۇرۇلۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن يەنە بىر قانچە ۋەزىپىنى قوشۇمچە ئۆتەپ، ئىشنى بىخەتەر ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بەردى. 3-ئايدىن بۇيان ۋىيېتنامدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇش تۈرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىمۇ يېڭى باسقۇچقا كىردى.

مۇخبىر خانوي يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يول تۈرى بۆلۈمى تارقاتقان «تۈر خىزمەتچىلىرىگە چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇش»تا نۇرغۇن ئىنچىكە، ئەتراپلىق بەلگىلىمىلەر بارلىقىنى، يەنە جۇڭگو-ۋىيېتنام خىزمەتچىلىرىگە سىرتقا چىققاندا چوقۇم ماسكا تاقاش، ئىشقا بېرىش ۋە ئىشتىن چۈشكەندە ئامال بار ئاممىۋىي قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرماسلىق، بىناغا چىققاندا ئىمكانقەدەر پەلەمپەي بىلەن چىقىش لىفىتقا ئاز ئولتۇرۇش ئەسكەرتىلگەنلىكىنى كۆردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-ۋىيېتنام خىزمەتچىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىخەتەرلىك تورىنى مۇستەھكەملىدى

جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرى ۋە ۋىيېتنامنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىز يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىر قاتار تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ ۋە يولغا قويۇپ، يوچۇق قالدۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. نۆۋەتتە تۆمۈر يول تۈرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار ۋە گۇمانىي بىمارلار بايقالمىدى.