ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىتالىيە تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-25 20:08

3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىتالىيەدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ سانى داۋاملىق ئاشتى، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى مەملىكەت بويىچە «شەھەرنى قامال قىلىش» تەدبىرىنى ئىجرا قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ كۈچلەرنى ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلدى.

ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتې 3-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇنداق دېدى: كابىنېت بىر تۈرلۈك يېڭى پەرمان ماقۇللاپ، ھۆكۈمەتنىڭ «شەھەرنى قامال قىلىش» بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلارغا 400دىن 3000 ياۋروغىچە جەرىمانە قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يېڭى پەرماندا يەنە ھەرقايسى چوڭ رايونلارنىڭ رەئىسلىرىگە زۆرۈر تېپىلغاندا مەزكۇر رايوندا تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ھوقۇقى بېرىلدى. كونتې مۇنداق دېدى: «شەھەرنى قامال قىلىش» تەدبىرى 4-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە يولغا قويۇلىدۇ.

شۇ كۈنى ئەتىگەندە، ئىتالىيە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە مەخسۇس خادىمى ئاركۇلى مۇنداق دېدى: ئىتالىيەدىكى بەزى مودا كىيىم-كېچەك شىركەتلىرى ماسكا ئىشلەپچىقىرىشقا قوشۇلدى، ئۇلارنىڭ ھەر ئايلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى50 مىليون دانىغا يېتىدۇ، بۇ، ئايدا 90 مىليون ماسكا ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى قاندۇرىدۇ. ئاركۇلى: مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسى 50 مىليون ياۋرو ئاجرىتىپ، كارخانىلارنىڭ ماسكا ئىشلەپچىقىرىشىغا يەنىمۇ ئىلھام بېرىدۇ، دېدى.

ئاركۇلى مۇنداق دېدى: يۇقۇم تارقالغاندىن بۇيان، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا، مەملىكەت بويىچە ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش كارىۋىتى 5343 تىن 8370 گە كۆپەيدى؛ نەپەس كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ كېسەل كارىۋىتى 6625تىن 26 مىڭ 169غا كۆپىيىپ، ئۈچ ھەسسە ئاشتى.

ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە ئىتالىيەدە دىياگنوز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 69 مىڭ 176غا يەتكەن، 6820 كىشى قازا قىلغان، 8326 كىشى ساقايغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有