ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تىرامپ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنى «جۇڭگو ۋىرۇسى» دەپ ئاتىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-25 20:08

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنى «جۇڭگو ۋىرۇسى» دەپ ئاتىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، تىرامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تىۋىتتېردا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ ئامېرىكىدا تارقىلىشى ئاسىيالىقلار پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ خاتالىقى ئەمەس، دېدى. 3-ئاينىڭ 24-كۈنى تىرامپ فوكۇس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنى ئەمدى «جۇڭگو ۋىرۇسى» دەپ ئاتىماسلىقنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN) ئاخبارات تارقىتىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تېببىي مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت سورىغان ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچى پىكرىدىن پايدىلانغاندىن كېيىن، CNN: «جۇڭگو ۋىرۇسى» دېگەن بۇ قاراش توغرا ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ باشقىلارنىڭ نامىنى بۇلغىغانلىق دېگەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有