ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-25 20:07

كۆپلىگەن دۆلەت ئەربابلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە قوللىدى، بۇ خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي قوللىغانلىق بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

3-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى يەتتە كىشى كامبودژا پنومپىەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بېرىپ، كامبودژانىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بەردى، بۇ جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئەۋەتكەن تۇنجى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ئەترىتى. جۇڭگو ياردەم قىلغان داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىمۇ شۇ ئايروپىلاندا توشۇپ ئاپىرىلدى.

ئېفىيوپىيەدە 3-ئاينىڭ 22-كۈنى جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى قاچىلانغان بىر ئايروپىلان ئەددىس ئەبېبە خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلدى، بۇ ماددىي ئەشيالار ئافرىقىدىكى 54 دۆلەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئورالمىسىغا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ماندېلانىڭ مەشھۇر جۈملىلىرى يېزىلغان، قوشۇمچە قىلىنغان خەنزۇچە تەرجىمىسىگە جۇڭگو ماقال-تەمسىللىرىدىن «بىر نىيەتتە بولسا، تەيشەن تېغىنىمۇ يۆتكىگىلى بولىدۇ» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن بولۇپ، جۇڭگو خەلقى بىلەن ئافرىقا خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆزئارا قوللىشىغا سىمۋول قىلىنغان.

3-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى فىلىپپىن دوختۇرلىرى بىلەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋىدېيو يىغىنى ئاچتى، فىلىپپىننىڭ يىغىنغا قاتناشقان خادىملىرى جۇڭگو تەرەپتىن ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

3-ئاينىڭ 23-كۈنى سېربىيە پايتەختى بېلگرادتا، جۇڭگونىڭ سېربىيەگە ياردەم بېرىش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى سېربىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى. سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ 3-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭگونىڭ سېربىيەگە ياردەم بېرىش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، سېربىيەنىڭ كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈش، ئېغىر كېسەللەر بىلەن كېسىلى يېنىكلەرنى ئايرىپ داۋالاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

مىسىر دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىززات سائاد يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا تارقىلىشى ئىنسانلارنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. جۇڭگو كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنى بىر قەدەر تېز تىزگىنلىدى. يۇقۇم ۋەزىيىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن، جۇڭگو يەنە دەرھال يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر دۆلەتلەرگە داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئېلىپ كېلىپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ خەلقئارا مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ، دېدى

كۆپلىگەن دۆلەت ئەربابلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە قوللىدى