ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كورېيەدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار 9137 گە يەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-25 20:08

كورېيە كېسەللىكنى تىزگىنلەش بۆلۈمى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 0 دىن 3-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 0 گىچە، كورېيەدە يېڭىدىن 100 يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 34ى چەت ئەلدىن كىرگەن. يېقىندا كورېيەگە كىرگەن بىمار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، چەت ئەلدىن كىرگەن بىمار جەمئىي 101 گە يەتتى. 3-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 0 گىچە، كورېيەدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار 9137 گە يەتكەن، 126 كىشى قازا قىلغان، 3730 كىشى ساقايغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كورېيەدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار 9137 گە يەتتى

كورېيە كېسەللىكنى تىزگىنلەش بۆلۈمى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 0 دىن 3-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 0 گىچە، كورېيەدە يېڭىدىن 100 يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى كۆپەيگەن،