ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگودىن باشقا جايدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە يالۇغى بىمارى 332331 گە يەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 10:56

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىن باشقا جايدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە يالۇغى بىمارى 332331گە يەتكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك يۇقۇم ئەھۋالى دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ياۋروپا ئوتتۇرا قىسىم ۋاقتى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 10 غىچە، جۇڭگودىن باشقا جايدا يېڭىدىن دىياگنوز قويۇلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى ئالدىنقى كۈندىكىدىن40611 ى كۆپىيىپ، 332331 گە يەتكەن؛ جۇڭگودىن باشقا جايدا قازا قىلغان بىمار ئالدىنقى كۈندىكىدىن 2198 ى كۆپىيىپ، 15153كە يەتكەن. يەر شارى بويىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى ئالدىنقى كۈندىكىدىن 40712 ى كۆپىيىپ، 414179غا يەتكەن؛ قازا قىلغان بىمار ئالدىنقى كۈندىكىدىن 2202سى كۆپىيىپ، 18440 قا يەتكەن. ئۆتكەن 24 سائەتتە، ئىككى دۆلەت تۇنجى دىياگنوز قويۇلغان بىمارنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى دوكلات قىلغان، بۇ ئىككى دۆلەت لائوس ۋە لىۋىيە.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگودىن باشقا جايدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە يالۇغى بىمارى 332331 گە يەتتى

سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك يۇقۇم ئەھۋالى دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ياۋروپا ئوتتۇرا قىسىم ۋاقتى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 10 غىچە، جۇڭگودىن باشقا جايدا يېڭىدىن دىياگنوز قويۇلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى ئالدىنقى كۈندىكىدىن40611 ى كۆپىيىپ، 332331 گە يەتكەن؛