ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەنگلىيە شاھزادىسى چارلىزنىڭ ۋىرۇس تەكشۈرتۈشى مۇسبەت چىقتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 18:03

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ياۋروپا ئوتتۇرا قىسىم ۋاقتى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت ئونغىچە، يەر شارىدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىمار ئالدىنقى كۈندىكىدىن 40 مىڭ 712 سى كۆپىيىپ، جەمئىي 414 مىڭ 179 غا يەتتى؛ قازا قىلغان بىمار ئالدىنقى كۈندىكىدىن 2202 سى كۆپىيىپ، جەمئىي 18 مىڭ 440 قا يەتتى دەپ ئۇقتۇردى.

ئەنگلىيە خان جەمەتى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە ۋېلىس شاھزادىسى، پادىشاھ ۋارىسى چارلىزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرتۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقتى، ھازىر كېسىلى بىر قەدەر يېنىك دېدى. ئىسپانىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىسپانىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى كارمېن كالۋونىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرتۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقتى دېدى.

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 3-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېۋىزىيە سۆزى قىلىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ رۇسىيە تەۋەسىدە كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە مەملىكەت بويىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有