ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ب د ت يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش يەر شارى ئىنكاس پىلانىنى باشلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 18:03

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس ئەڭ ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋىدىيو يىغىنى ئارقىلىق، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يەر شارى ئىنكاس پىلانىنى باشلىدى. بۇ پىلانغا كېرەكلىك مەبلەغنىڭ ئومۇمىي سوممىسى ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يەر شارى ئىنكاس پىلانىدا، ئاجىز دۆلەتلەر زۆرۈر داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋە ئەشيالار بىلەن تەمىنلىنىپ، مۇساپىرلار لاگېرى ۋە ماكانسىز قالغانلارنىڭ ئولتۇراق نۇقتىلىرىغا قول يۇيۇش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلىپ، ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش تەشۋىقاتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك خادىملىرى ۋە قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى ئۈچۈن ھاۋا يولى ئېچىپ بېرىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ب د ت يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش يەر شارى ئىنكاس پىلانىنى باشلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس ئەڭ ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋىدىيو يىغىنى ئارقىلىق، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يەر شارى ئىنكاس پىلانىنى باشلىدى.