ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۇقۇم ياۋروپادا داۋاملىق يامرىماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-30 14:02

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ياۋروپادا داۋاملىق يامرىماقتا. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسىم ۋاقتى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 0 گىچە، ياۋروپادا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلار 380 مىڭدىن ئاشقان، تەخمىنەن 24 مىڭ ئادەم قازا قىلغان. كەسكىن ۋەزىيەتتە، كۆپ دۆلەتلەر ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، «شەھەرنى قامال قىلىش» مۇددىتىنى ئۇزارتتى.

ياۋروپادا يۇقۇم ئەڭ ئېغىر بولغان ئىتالىيەدە 3-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە جەمئىي 97 مىڭ 689ئادەم يۇقۇملاندى، 10 مىڭ 779 ئادەم قازا قىلدى. ئىتالىيە يۇقىرى سەھىيە تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى برۇسافېرو 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىتالىيەدە «ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلارنىڭ ئېشىشى ئاستىلاش ئالامەتلىرى» كۆرۈلدى، بۇ «بۈگۈنگە قەدەر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئالاقىدار ئايرىش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ». مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئىتالىيەدە يۇقۇم ئەڭ يۇقىرى چەككە يېقىنلاشقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس. 3-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ئىسپانىيەدە 80 مىڭ 31 كىشىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى، 6803 كىشى قازا قىلدى؛ گېرمانىيەدە 58 مىڭ 247كىشىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى، 480 كىشى قازا قىلدى؛ فىرانسىيەدە 40 مىڭ 708 كىشىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى، 2611 كىشى قازا قىلدى. ئەنگلىيەدە 19 مىڭ 522 كىشىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى، 1228 كىشى قازا قىلدى. شىۋېيتسارىيەدە 14 مىڭ 336 كىشىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى، 264 كىشى قازا قىلدى.

ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر تېز سۈرئەتتە يامراۋاتقان يۇقۇمغا قارىتا، «شەھەرنى قامال قىلىش» مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى. فىرانسىيە زۇڭلىسى فىلىپ 3-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنداق دېدى: فىرانسىيە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس تارقىلىشنىڭ باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، «يۇقۇملۇق كېسەل دولقۇنى شەرقىي رايوننى بېسىۋالدى ھەمدە فىرانسىيە ئارىلى بۈيۈك رايونى ۋە يۇقىرى فىرانسىيە بۈيۈك رايونىغا يامرىدى». فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكروننىڭ تەستىقى بىلەن، ھۆكۈمەت 3-ئاينىڭ 31-كۈنى قەرەلى توشىدىغان مەملىكەت بويىچە «سىرتقا چىقىشنى چەكلەش بۇيرۇقى»نى ئىككى ھەپتە ئۇزارتىپ، 4-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

ھازىر ئۆيدە ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقان گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل 3-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە توردا بىر مەيدان ئاۋازلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ: گېرمانىيەنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى بوشاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ۋاقىت تېخى كەلمىدى، «بىزدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچىلار نىسبىتى يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى»دېدى.

بېلگىيە باش ۋەزىرى ۋىلمېس 3-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇخبىرلار يىغىنىدا، 3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان «شەھەرنى قامال قىلىش» تەدبىرىنىڭ 4-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە ئىككى ھەپتە ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى، «كەلگۈسىدە يەنە 5-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە ئۇزارتىلىشى مۇمكىن»ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە شۇكى، ئامما چوقۇم ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك قامال قىلىش تەدبىرلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك، ساقچىلارمۇ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ. «ئالىملارنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تېخى تىزگىنلەنمىگەن. ھەممە ئادەم چوقۇم ۋىرۇسقا قارشى كۈرەشكە قاتنىشىشى، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرىدىمۇ ئۆيىدە تۇرۇشى كېرەك» ئىكەن.
ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى ھۆكۈمەت پەرمانىنى ئېلان قىلدى، 3-ئاينىڭ28-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق بىر نەچچە خىل ئەھۋالدىن باشقا ۋاقىتتا، كىشىلەرنىڭ تۇرۇشلۇق جايىدىن ئايرىلىشى قەتئىي مەنئى قىلىندى. ۋېنگىرىيە ساقچىلىرى باشقا تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ، ھۆكۈمەت پەرمانىنىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

شىددەت بىلەن يامراۋاتقان يۇقۇم ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا زور بېسىم ئېلىپ كەلدى، بىرىنچى سەپتىكى نۇرغۇن تېببىي خادىملار يۇقۇملاندى. ئەنگلىيە كابىنېت ئىشخانىسىنىڭ ۋەزىرى مايكول گوف 3-ئاينىڭ 27-كۈنى باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارنىڭ ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرمەكتە، دېدى.

فىرانسىيە دوختۇرخانا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى فرېدېرىك ۋالېتۇ 3-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە ئارىلى بۈيۈك رايونىدىكى بىر قىسىم دوختۇرخانىلار تويۇنۇپ قالاي دېدى، بىر قىسىم يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى يۇقۇم ئەھۋالى نىسبەتەن پەسەيگەن رايونلارغا يۆتكەشنى مۇراجىئەت قىلىمىز.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە 9000دىن ئارتۇق تېببىي خادىمنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى، ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ٪14.7نى ئىگىلىگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىشنى ماسلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى فېرناندو سىمون مۇنداق دېدى: بۇ سان باشقا دۆلەتلەرنىڭكىگە قارىغاندا بەك يۇقىرى بولۇپ كەتتى، بۇ ھازىر كىشىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغان مەسىلە.

لىتۋا سەھىيە مىنىستىرى ۋېرېگا 3-ئاينىڭ 27-كۈنى مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، 3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە مەملىكەت بويىچە ئايرىپ قامال قىلىش مەزگىلىدە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى، ئۆسۈش نىسبىتىنى %15كە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يۇقۇم ياۋروپادا داۋاملىق يامرىماقتا

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ياۋروپادا داۋاملىق يامرىماقتا. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسىم ۋاقتى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 0 گىچە، ياۋروپادا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلار 380 مىڭدىن ئاشقان،