ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياۋروپانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىدا دەسلەپكى ئۈنۈم كۆرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-31 16:12

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ياۋروپادا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللاندى ھەمدە ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ئازايتتى. ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى مۇنداق دېدى: ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى، لېكىن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بېسىمى يەنىلا زور.

ياۋروپادا يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان ئىتالىيەدە 3-ئاينىڭ 29-كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 5217 بولۇپ، ھازىرغىچە 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى؛ شۇ كۈنى قازا قىلغانلار 756 بولۇپ، جەمئىي 10 مىڭ 779غا يەتتى. ئىتالىيە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسقا جىددىي تاقابىل تۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس خادىمى بوللېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر دۆلەتتە يېڭىدىن دىياگنوز قويۇلغان بىمارلارنىڭ كۆپىيىشى سۇپا مەزگىلىگە كىرىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭغا قارىتا، ئىتالىيە سەھىيە مىنىستىرى سىپېرانزا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گەرچە سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى ئاستىلىغان بولسىمۇ، لېكىن كەلگۈسى بىر نەچچە كۈن ھەتتا بىر نەچچە ھەپتىدە ھوشيارلىقنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، «بىز ھازىر باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈۋاتىمىز، لېكىن بۇ جەريانغا ۋاقىت كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولىدۇ».

ئەنگلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى جەمئىي 19 مىڭ 522 گە يېتىپ، ئالدىنقى كۈندىكىدىن 2433 ى كۆپەيگەن، قازا قىلغان بىمار 1228 گە يەتكەن. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى باش ۋەزىر جونسوننىڭ بىر پارچە ئوچۇق خېتىنى كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەخمىنەن 30 مىليون ئائىلىگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باش ۋەزىر خەتتە، ھەممە ئادەم ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىگە رىئايە قىلىپ، ئورتاق تىرىشىپ ۋىرۇسنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

ئاۋسترىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 3-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە، ئاۋسترىيەدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 8536 گە يېتىپ، ئالدىنقى كۈندىكىدىن 526 ئادەم كۆپەيگەن، 86 ئادەم قازا قىلغان. ئاۋسترىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى كوگلېر شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاۋسترىيە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا يېنىك كېسەللەرنى ئۆيىدە ئايرىپ تۇرۇپ، تېببىي خادىملارنىڭ نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىپ قىلىش، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئازايتىپ، داۋالاش بايلىقى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرىنى قوللاندى. ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانى تېخىمۇ كۆپ ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇپ، ئېشىش ئەگرى سىزىقىنى مۇقىملاشتۇرۇش. ئاۋسترىيەنىڭ سەھىيە مىنىستىرى ئانشوبېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن كۈندىلىك ئېشىش نىسبىتى %5 تىن تۆۋەن بولۇش نىشانى بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرق خېلى چوڭ .
شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە، سېربىيە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار 741 گە يېتىپ، ئالدىنقى كۈندىكىدىن 82سى كۆپەيدى. سېربىيە ھۆكۈمىتى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش يىغىنى بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن، كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىش، ئايرىش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ چىڭىتىش، جۈملىدىن 3-ئاينىڭ 14-كۈنى چېگرادىن كىرگۈچىلەرنى مەجبۇرىي ئايرىۋېتىشنى تەلەپ قىلىش ۋاقتىنى 28 كۈنگە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى .
3-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە رومىنىيەدە يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار 1815 كە يېتىپ، 43 ئادەم قازا قىلدى. رومىنىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى كەچتە ئاھالىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا چەك قويۇش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغان ئەڭ تۆۋەن جەرىمانىنىڭ ئەسلىدىكى 100 رومىنىيە لېيىدىن 2000 رومىنىيە لېيىغا ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى، ئەڭ يۇقىرى جەرىمانە پۇلىنىڭ 20 مىڭ لېيىغا يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى .
ئىرېلاندىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ دۆلەتتە 3-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارىدىن 200 كىشى كۆپەيگەن، جەمئىي 2615 كىشى يۇقۇملانغان، يەنە 10 كىشى قازا قىلغان، قازا قىلغانلار جەمئىي 46 كىشىگە يەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگودىن كەلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن پايتەخت دۇبلىن ئايرودۇرۇمىغا يەتكۈزۈلگەن ھەمدە شۇ كۈنى كەچتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملارغا تارقىتىپ بېرىلگەن.

سىلوۋېنىيەدە 3-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار 730 غا يەتتى. سىلوۋېنىيە ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن ئۈچ مىليارد ياۋرولۇق ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى. پىلاندا بۇنىڭدىن ئىلگىرى يولغا قويۇلغان كارخانىلارغا ياردەم بېرىش تەدبىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، يەككە تىجارەتچىلەر، پېنسىيەگە چىققان خادىملار ۋە باشقا ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش دائىرىسى كېڭەيتىلدى. بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن، سىلوۋېنىيە ھۆكۈمىتى بىر تۈرلۈك «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۇقرالار ۋە ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسىتىشىنى توسۇش ۋە يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى جىددىي تەدبىر قانۇن» لايىھەسىنى ماقۇللىغان ھەمدە تېخىمۇ قاتتىق چەكلەش تەدبىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

3-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە ئېستونىيەدە يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى 679 غا يەتتى. ئېستونىيە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھۆكۈمەت پايتەخت تارىنغا «شەھەرنى قامال قىلىش» تەدبىرىنى قوللىنىشتىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ ھازىرقى ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلىپ، جامائەت يىغىلىشىدىن ساقلىنىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ دۆلەتنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى جىددىي ھالىتى مەسئۇلى، زۇڭلى راتاس 3-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئېستونىيەدىكى يۇقۇم نىسبەتەن ئېغىر بولغان رايونلارغا تېخىمۇ قاتتىق چەكلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان ھەمدە تاراتقۇلاردا ۋىدېيو ئېلان قىلىپ، خەلقنىڭ ئۆيىدىن چىقماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياۋروپانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىدا دەسلەپكى ئۈنۈم كۆرۈلدى

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ياۋروپادا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللاندى ھەمدە ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ئازايتتى.