ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى: جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك قىياپىتىنى نامايەن قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-31 16:37

نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە پائال تۆھپە قوشقانلىق، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

3-ئاينىڭ 29-كۈنى، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى لائوسنىڭ پايتەختى ۋيېنتيانغا يېتىپ بېرىپ، داۋالاش، قۇتقۇزۇش، مۇداپىئە بۇيۇملىرى ۋە دورا قاتارلىق جۇڭگو ئىئانە قىلغان داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئېلىپ باردى. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى 12 كىشى لائوس بىلەن جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە داۋالاش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، لائوسنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ياردەم بەردى. شۇ كۈنى، جۇڭگو ئىئانە قىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى نېپالغا يەتكۈزۈلدى، بۇ ماددىي ئەشيالار نېپالنىڭ يەتتە ئۆلكىسىدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە تارقىتىلىدۇ. نېپالنىڭ سەھىيە ۋە نوپۇس مىنىستىرى بانۇ داكار مۇنداق دېدى: نېپالدا يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، جۇڭگو زور كۈچ بىلەن قوللاپ ۋە ياردەم بېرىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سەمىمىي دوستلۇقنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى بۇ پەيتتە ناھايىتى ياخشى ئىپادىلەندى.

نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەجرىبىلىرىدىن پائال تەڭ بەھرىمەن قىلىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك قىياپىتىنى نامايان قىلدى. لائوس دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سانكان مۇنداق دېدى: جۇڭگو يەر شارىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تور بىلىم مەركىزى قۇرۇپ، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن پۈتۈن دۇنيانى ھەمبەھرلەندۈردى. جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

تايلاند پارلامېنتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى چۈەن لىپەي مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يۇقۇم تەھدىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشى جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى نامايان قىلدى. بىز ھەممىمىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بىر ئەزاسى، ھەر بىر ئەزا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ئاكتىپ ماسلىشىشى كېرەك، مېنىڭچە جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى پىكىر يولى ۋە ئۇسۇلى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئۈنۈمى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ.

جەنۇبىي ئافرىقا پىرېتورىيە داشۆسى خەلقئارا قانۇن ۋە ئافرىقا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتشۇناسلىق پىروفېسسورى داننېل برادلو مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىزچىل خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇرى، تەجرىبىلىرى ۋە تەتقىقات تەرەققىياتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگو ھۆكۈمىتى يەنە داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئېلىپ، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلىشىنى قوللاشقا ئەۋەتتى، جۇڭگونىڭ ئۇسۇلىنى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ.

ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ رەئىسى سىتىفىن پېررى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەجرىبىسى بارلىقىنى بىلىمىز، جۇڭگو دۇنياغا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى، بۇ دۆلەت قاتلىمى، ھۆكۈمەت قاتلىمى ۋە خەلقنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىنتايىن مۇھىم، بىز ۋىرۇس ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايمىز، بىز پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا موھتاج.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى: جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك قىياپىتىنى نامايەن قىلدى

نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە پائال تۆھپە قوشقانلىق، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك قىياپىتىنى نامايان قىلدى.