ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو بازىرى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-31 17:03

جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ مۇھىم بازار بىرازىلىيە ئۈچۈن بارغانسېرى مۇھىم بولماقتا.

بىرازىلىيەنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى جەنۇبىي رىئوگراندې ئىشتاتىدا، 3-، 4-ئايلار دەل دادۇر پىشىدىغان مەزگىل. شۇ جايدىكى دېھقان كارمۇتنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى كۆز يەتكۈسىز ئالتۇن رەڭلىك دادۇر ئېتىزلىقىدا كومبايىنلار گۈركىرەپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. كارمۇت ماشىنىلارغا توختىماي قاچىلىنىۋاتقان دادۇرلارغا قاراپ ناھايىتى مەمنۇنىيەت بىلەن مۇخبىرغا: بۇ يىل يەنە بىر مول ھوسۇللۇق يىل بولىدىغان بولدى دېدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېخىمۇ كۆپ بىرازىلىيە دېھقانلىرى دادۇر تېرىش يولىنى تاللىدى. يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، مەھسۇلات مىقدارىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. بىرازىلىيە دادۇر ئىشلەپچىقارغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بىرازىلىيە بۇ يىل دادۇردىن 121 مىليون توننا ھوسۇل ئېلىش رېكورتىنى يارىتىپ، ئامېرىكىدىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى دادۇر ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىشتىن ئۈمىد باركەن.

جۇڭگو ئۇدا نەچچە يىل بىرازىلىيە دادۇرىنىڭ ئەڭ چوڭ سېتىۋالغۇچىسى بولۇپ قالدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى بىرازىلىيە 74 مىليون توننا دادۇر ئېكسپورت قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 58 مىليون توننا دادۇر جۇڭگوغا سېتىلغان بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %78كە يەتكەن. كارمۇت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەنۇبىي رىئوگراندې ئىشتاتى دادۇر مەھسۇلات مىقدارى جەھەتتە بىرازىلىيەدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، جۇڭگو بازىرى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىمىز جۇڭگو بازىرىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، مېنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىمنىڭ كۆلىمى مىڭ گېكتاردىن ئاشىدۇ. بۇ جايدىكى دېھقانلار يىل بويى جۇڭگو بازىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەۋرىشىملىكىگە تولۇق ئىشىنىدۇ، جۇڭگونىڭ بازار ئېھتىياجىدىن زور ئۈمىد كۈتىدۇ.

بىرازىلىيە ئۆسۈملۈك مېيى كەسپى جەمئىيىتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى داننېل ئامارال مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىزنىڭ مۇھىم سودا ھەمراھىمىز، بۇ يىل بىرازىلىيەنىڭ جۇڭگوغا قىلىدىغان دادۇر ئېكسپورت مىقدارى يەنىلا يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىشى مۇمكىن.

دادۇردىن باشقا، جۇڭگو يەنە بىرازىلىيە قومۇش شېكىرى، گۆش قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشتىكى مۇھىم بازار. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى بىرازىلىيە جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئومۇمىي ئېكسپورت مىقدارىنىڭ %32نى ئىگىلىگەن. جەنۇبىي رىئوگراندې ئىشتاتىدا بۇ نىسبەت %43كە يەتكەن. بۇ يىل 1-ئايدا بىرازىلىيە قوغۇنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىنىشقا باشلىدى. كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا تۈرلىرى داۋاملىق كۆپىيىشتىن ئۈمىد بار.

ھازىر، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىنىڭ شەكلى كۆپ خىل. جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى خەلقئارا شىركىتى، داكاڭ يېزا ئىگىلىك شىركىتى قاتارلىق جۇڭگو كارخانىلىرى بىرازىلىيەگە مەبلەغ سېلىپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىگە پائال سىڭىپ كىردى. داننېل ئامارال مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ بىرازىلىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە سالغان مەبلىغى ئىنتايىن مۇھىم، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرازىلىيەگە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە كىرىم ئېلىپ كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى.

جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تەتقىقات ئاپپاراتلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز ئالاقىلەشتى ۋە ھەمكارلاشتى. بىرازىلىيە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەتقىقات شىركىتى بۇغداي تەتقىقاتخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئەننا: بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ھەمكارلىقى ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ ئورتاق دۇچ كەلگەن بەزى مەسىلىلەردە، ئىككى تەرەپ ئالاقىنى ساقلاپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىشى كېرەك، دېدى.

بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو كارخانىلىرىمۇ بىرازىلىيەنىڭ پورت قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە ساھەسىگە پائال مەبلەغ سېلىپ، بىرازىلىيەنىڭ ئەشيا ئوبوروت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە مەدەت بەردى، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ سودا يولى بارغانسېرى راۋانلاشتى. بىرازىلىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى كىرىستىنا مۇنداق دەپ قارىدى: بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئىككى تەرەپنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يېقىندا، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، بىرازىلىيەدىكى بىر قىسىم پورتلارنىڭ يۈرۈشۈشى قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى. بىرازىلىيە دادۇر ئىشلەپچىقارغۇچىلار جەمئىيىتى، بىرازىلىيە گۆش ئېكسپورت جەمئىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 نەچچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جەمئىيىتى يېقىندا بىرلىكتە زۇڭتۇڭ بولسوناروغا خەت يېزىپ تەدبىر قوللىنىپ، مالنىڭ چېگرادىن ئەركىن ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىغا بولغان تەسىرىنى ئازايتىش تەكلىپىنى بەردى. بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى ھۆججەت چىقىرىپ، پورت ئىشچىلىرىنى قوغداشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى پورتلارنىڭ بارلىق ئىقتىدارىنىڭ نورمال بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئالاقىدار تارماقلار مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو بازىرى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم

جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ مۇھىم بازار بىرازىلىيە ئۈچۈن بارغانسېرى مۇھىم بولماقتا.