ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئۆزئارا ياردەم بېرىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-08 09:35

بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ياپونىيەدىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو چاۋمىنلىرى نۇرغۇن داۋالاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋالدى ۋە ئىئانە قىلدى. دەسلەپتە بۇ ماددىي ئەشيالار ياپونىيەدىن جۇڭگونىڭ خۇبېيغا ئىئانە قىلىنغان؛ بۈگۈنكى كۈندە ئىئانە قىلىش يۆنىلىشى ئەكسىچە بولۇپ، جۇڭگودىن ياپونىيەگە توشۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ماددىي ئەشيالار يۇقۇم پەسەيگەندىن كېيىنكى خۇبېيدىن كەلگەن.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو چاۋمىنلىرى ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەر تەرەپتىن داۋالاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ۋەتەنگە يەتكۈزۈپ بەردى. ياپونىيە خۇبېي سودىگەرلەر باش جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ۋۇ شياۋلىڭ مۇنداق دېدى: چۈنكى مەنمۇ ۋۇخەنلىك، مەن چوقۇم باش تارتماسلىقىم كېرەك.

ماددىي ئەشيالارنى سېتىۋېلىش ۋە توشۇش جەريانىدا، ۋۇ شياۋلىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو چاۋمىنلىرىمۇ ياپونىيەلىكلەرنىڭ جۇڭگونىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ۋە خەيرى ساخاۋىتىنى ھېس قىلدى. كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلەت ئىچىدە يۇقۇم تەدرىجىي ياخشىلاندى، ياپونىيەدىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو چاۋمىنلىرى ئەمدىلا ئارامىغا چۈشۈشى بىلەن توكيودىكى يۇقۇم ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. ۋۇ شياۋلىڭ يەنە بىر قېتىم مال سېتىۋېلىش ۋە ئىئانە قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يۆنىلىش ئەكسىگە بولۇپ قالدى. 3-ئايدىن ھازىرغىچە، ۋۇ شياۋلىڭ ۋە ئۇ تۇرۇشلۇق سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ قولىدىن ئۆتكەن، جۇڭگودىن ياپونىيەگە ئىئانە قىلىنغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىدىن جەمئىي 200 مىڭدىن ئارتۇق ماسكا، 800 مۇداپىئە كىيىمى ۋە 1000 بوتۇلكا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە 30 مىڭ ماسكا، 300 مۇداپىئە كىيىمى ۋە بارلىق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئۇنىڭ يۇرتى خۇبېيدىن كەلگەن.

ۋۇ شياۋلىڭغا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى بىر تۈركۈم ماددىي ئەشيالار توكيو «جىددىي ھالەت»گە كىرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن 108 مىڭ ماسكا ئۈچۈن تاموژنا رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولۇپ، يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، ئايرودۇرۇمدىن توكيو ھۆكۈمەت دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدى. بۇ ماسكىلارنىڭ ساندۇقىغا مۈشۈكئېيىق ۋە نورۇز گۈلىنىڭ سۈرىتى بېسىلغان بولۇپ، ئۈستىدە «تامچىدەك شەپقەتكە بۇلاقتەك شەپقەت قايتۇرىمىز» دېگەن بىر جۈملە سۆز بار ئىدى.

ۋۇ شياۋلىڭ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا ئىئانە قىلىنغان نەرسىلەردىن باج كەچۈرۈم قىلىش يولى تېخى ئېچىلمىغان ئىدى، چوقۇم ئۆزىڭىز بېرىپ ئىلتىماس قىلىشىڭىز كېرەك ئىدى. بارلىق باج كەچۈرۈم قىلىش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى ئۆزۈم بېجىردىم. ئۇلارنىڭ تاموژنا خادىملىرىمۇ بەك تەسىرلەندى. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئۆزئارا ياردەم بېرىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرماقتا

بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ياپونىيەدىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو چاۋمىنلىرى نۇرغۇن داۋالاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋالدى ۋە ئىئانە قىلدى.